خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە يېڭى بازىنىڭ ئورنىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
ترامپ ۋە ناۋروتسكى (ئارخىپ)

ترامپ «Truth Social» ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، پولشا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر ئۆزگىرىشنى ئېلان قىلدى.

ئۇ پولشا پىرېزىدېنتى كارول ناۋروتسكىنىڭ «باتۇر رەھبەرلىكى»نى تىلغا ئېلىپ: «پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش يولىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشسا، بازىنىڭ ئورنى ناھايىتى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ» دېدى.

ترامپ مەزكۇر قەدەمنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاق ئۈچۈن «تارىخىي» ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پولشا رەھبەرلىرى ترامپنىڭ باياناتىنى قارشى ئالدى

پولشا پىرېزىدېنتى كارول ناۋروتسكى «X» ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ترامپقا «سۆزلىرى، دوستلۇقى ۋە پولشا–ئامېرىكا ھەمكارلىقىغا بولغان كۈچلۈك ساداقىتى» ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ناۋروتسكى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىرلىكتە كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇننى تەمىنلەشكە بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پولشانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادىسلاۋ كوسىنىياك-كامىش «X» سۇپىسىدىكى باياناتىدا، ترامپ بىلەن ناۋروتسكى ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ھەمكارلىقنىڭ ئىجابىي نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ مۇھىم ئىسپاتى. پولشادا دائىمىي ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ئىران: ئۇرۇش ۋە ئېمبارگولارغا قارىماي 5 مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىندى
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى