تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە «سۇمۇد» پاراخوت ئەترىتىدىكى پۇقرالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ «قىيناش»، «كىشىنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش»، «قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بۇلاپ قېچىش ياكى تۇتۇپ قېلىش»، «ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلاڭچىلىق» ۋە «مال-مۈلۈككە زىيان سېلىش» جىنايەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاندى.
تۈركىيە «سۇمۇد» پاراخوت ئەترىتىدىكى پۇقرالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلىدى
يەرشارى سۇمۇد فىلۇتىدىكى 223 نەپەر خەلقئارالىق پائالىيەتچى نازارەتكە ئېلىندى / AP

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە «يەرشارى سۇمۇد پاراخوت ئەترىتى»گە قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدا 24 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىدىن كېيىن ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «يەرشارى سۇمۇد پاراخوت ئەترىتى» خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 24 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر تەكشۈرۈش «كىشىنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش»، «قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بۇلاپ قېچىش ياكى تۇتۇپ قېلىش»، «ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلاڭچىلىق»، «مال-مۈلۈككە زىيان سېلىش» ۋە «قىيناش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر دائىرىسىدە، ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدىكى باشقۇرۇش ھوقۇقى قائىدىلىرى ھەم تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 12- ۋە 13-ماددىلىرىدىكى مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلماقتا.

223  نەپەر خەلقئارالىق پائالىيەتچى نازارەتكە ئېلىندى

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، غەززەگە ياردەم ئېلىپ ماڭغان ياردەم ئەترىتىدىكى جەمئىي 223 نەپەر خەلقئارالىق پائالىيەتچى ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان.

«يەرشارى سۇمۇد پاراخوت ئەترىتى» چارشەنبە كېچىسىدىن باشلاپ 15 كېمىنىڭ ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللەپ، يەنە سەككىز كېمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ياكى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئېھتىماللىقىنى بىلدۈردى.

پاراخوت ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كېمىلەردىكى 223 پائالىيەتچىنىڭ ئىسىملىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىنىستىگرامدا ھەمبەھرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاراخوت ئەترىتىنىڭ رەسمىي ئىز قوغلاش سىستېمىسى 20 كېمىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، 24 كېمىنىڭ بولسا غەززەگە قاراپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ نوپۇسلۇق غەززەنى 18 يىلدىن بۇيان قورشاۋدا تۇتۇۋاتقان بولۇپ، مارت ئېيىدا چېگرادىن ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى تاقاپ، يېمەكلىك ۋە دورا-دەرمەك يەتكۈزۈشنى توسۇش ئارقىلىق قورشاۋنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بۇ ئەھۋال رايوننى ئاچارچىلىققا گىرىپتار قىلدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 66 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ب د ت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى رايوننىڭ ياشىغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقانلىقى توغرىسىدا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى