ئاۋسترالىيەدىكى ساھىل ھۇجۇمى ھەققىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ساختا خەۋەرلەر تارقىتىلماقتا

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋسترالىيە ساھىل ھۇجۇمىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە ئائىت ساختا خەۋەرلەر تارقالماقتا.

By
ئاۋسترالىيەدىكى ساھىل ھۇجۇمى ھەققىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ساختا خەۋەرلەر تارقىتىلماقتا / Anadolu Agency

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېز تارقالغان بىر سىن، ئەمەلىيەتتە يەرلىك بىر روژدېستۋو (Noel) تەبرىكلەش پائالىيىتى بولغان ئېتىلغاق ئېتىش پائالىيىتىنى، سىدنېيدىكى قىرغىنچىلىقنى ئالقىشلاش ئۈچۈن «ئىسلامچىلار» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تەبرىكلەش زىياپىتىدەك كۆرسىتىپ خاتا قاراش پەيدا قىلماقتا.

ئاۋسترالىيەلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرى، «ئىسلامچىلار» نىڭ بوندى ساھىلىدىكى كوللېكتىپ ھۇجۇمنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىدنېينىڭ بىر شەھەر ئەتراپى رايونىدا ئېتىلغاق ئېتىلىۋاتقان بىر سىننى ھەمبەھىرلىدى. دائىرىلەر بولسا بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە روژدېستۋو تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دائىرىلەر يەھۇدىي بايرىمىغا قارىتىلغان يەھۇدىيغا قارشى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ باھا بېرىلگەن يەكشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن بۇ كۆرۈنۈش ئىنتېرنېتتا ئوتتۇرىغا چىققان بىر قانچە خاتا ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ بىرى.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق كىشىلەر خانۇكا ناملىق يەھۇدىي بايرىمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ساھىلغا توپلانغان 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان تەبرىكلەش پائالىيىتىنى نىشان قىلغان بولۇپ؛ 16 كىشى ئۆلگەن، 42 كىشى يارىلانغان.

قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى دەۋالار تەسىرىنى ئاشۇرماقتا

كېچىدە ئاسمانغا ئېتىلغاق ئېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر سىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارقىلىشقا باشلىدى ۋە دۈشەنبە ئەتىگەندە ھىندىستان، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغىچە يېتىپ باردى.

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان بىر ئابونت، غەربىي جەنۇبىي سىدنېي شەھەر ئەتراپى رايونىنى نەزەردە تۇتۇپ، «دۆلىتىمىزگە قوبۇل قىلغانلىرىمىز ھازىر بانكستوۋن (Bankstown) دا ئېتىلغاق ئېتىپ، بىزنىڭ يەھۇدىي پۇقرالىرىمىزنىڭ بوندى قىرغىنچىلىقىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ» دەپ يازدى.  X تە ئىنسانىيلىققا يات ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن بۇ يوللانما 750 قېتىمدىن كۆپرەك قايتا ھەمبەھىرلەندى؛ ئابونت يەنە «ساقچىلار نېمىشقا ئۇلارنى قولغا ئالمايدۇ؟» دەپ سورىدى.

 فېيسبۇكتىمۇ باشقىلار سىننىڭ «ئىسلامچىلارنىڭ سىدنېيدا ئېتىلغاق ئېتىپ بوندى ساھىلىدىكى خانۇكا تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى» كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەرلىك گۇرۇپپا ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

ھالبۇكى، كانتربۇرى بانكستوۋن (نۇرغۇن شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ نامى) ئەتراپىدا يەكشەنبە كەچتە ھەقىقەتەن ئېتىلغاق ئويۇنى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، يەرلىك بىر جەمئىيەت تەشكىلاتى بۇ ئويۇننىڭ روژدېستۋو تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بانكستوۋنغا قوشنا بىر رايون بولغان پادستوۋ روتارى كۇلۇبى (Padstow Rotary Club): «ئېتىلغاقلار يىللىق روژدېستۋو ئىلاھىلىرى (Christmas Carols) پائالىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بۇ پائالىيەت ۋە ئېتىلغاق ئويۇنى ئايلار بۇرۇن پىلانلانغان ئىدى» دەپ بايانات بەردى.

روتارى كۇلۇبى رەڭدار ئويۇننىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلىپ: «بۇلارنىڭ بوندىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى» دېدى.

غەربىي جەنۇبتىكى بانكستوۋن رايونى، سىدنېينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەڭ كۆپ خىللاشقان رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە 120 دىن ئارتۇق مىللەتتىن ئاھالىسى بارلىقى قەيت قىلىنغان. بىراق بۇ يەر، كۆچمەنلەرگە قارشى باياناتلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نىشانىغا ئايلانغان.

كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىگەن يوللانمىلار، ئوخشاش ۋاقىتتا مەھەللە ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى ۋە ئۇلار ئويۇننىڭ يەرلىك بىر روژدېستۋو ئىلاھىلىرى پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

قوشنا بېلمور رايونىدىن بىر X  ئابونتى: «نەپرەت تۇغدۇرۇش مەقسىتىدە قەستەن خاتا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش يىرگىنچلىك بىر ئىش. ئۆزۈڭلاردىن نومۇس قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ ئىنكاس يازدى.