3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «تامۇژنا بېجى مەسىلىسىدە ئەمدى نۆۋەت خىتايدا»
ترامپ، خىتاينىڭ ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بويىڭ بىلەن تۈزۈلگەن مۇھىم كېلىشىمدىن چېكىنگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
ترامپ: «تامۇژنا بېجى مەسىلىسىدە ئەمدى نۆۋەت خىتايدا»
Trump has slapped new tariffs on friend and foe since returning to the presidency this year, but has reserved his heaviest blows for China — imposing additional 145 percent levies on many Chinese imports. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، سودا سۆھبەتلىرىدە ئۈستەلگە ئولتۇرۇشى كېرەك بولغان تەرەپنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپ خىتاينى بويىڭ بىلەن تۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك كېلىشىمنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «توپ ئەمدى خىتاينىڭ مەيدانىدا. خىتاي بىز بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا ھېچقانداق پەرقلىنىش يوق، بىردىنبىر پەرق ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇشىدا» دېگەننىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

لىۋىتنىڭ بۇ باياناتلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بويىڭ بىلەن تۈزۈلگەن مۇھىم كېلىشىمنى بۇزغانلىقى ھەققىدىكى داۋاسىدىن كېيىن كەلدى. بۇ ئەيىبلەش، خىتاينىڭ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە بويىڭغا ئائىت يېڭى ئايروپىلانلارنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىگە دائىر بلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ۋە زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشنى خىتاي ھاۋا يولللىرى شىركەتلىرىنىڭ توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ترامپ، «ترۇت سوشىئال» مۇنبىرىدە ھەمبەھىرلىگەن بىر ئۇچۇرىدا، «ئۇلار تولۇق ۋەدە قىلىنغان ئايروپىلانلارنى ‹قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى› ئېيتتى، بۇ ئارقىلىق چوڭ بويىڭ كېلىشىمىنى بۇزغان بولدى» دېدى. ئەمما ترامپ تىلغا ئالغان بويىڭ كېلىشىمى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بەرمىدى.

ترامپ، بۇ يىل بېشىدا پىرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغاندىن بۇيان، ھەم ئىتتىپاقداش ھەم رەقىب دۆلەتلەرگە يېڭى تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويدى. ئەمما ئەڭ قاتتىق زەربىنى خىتايغا قارشى قوللىنىپ، نۇرغۇن خىتاي ماللىرىغا %145 لىك قوشۇمچە باجنى يولغا قويدى.

ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، گېرمانىيەنىڭ ھەپتىلىك گېزىتى «دى تسايت» قا بەرگەن باياناتىدا، ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا %10 لىك باجنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئاوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، مۇمكىن بولىدىغان سۆھبەتلەرگە ئالاقىدار سوئالغا، «بىز ياۋروپالىقلار پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز، ئامېرىكىلىقلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ پوزىتسىيەلىرىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

كانادا ھۆكۈمىتىمۇ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا قارىتىلغان تاموژنا بېجى نۇقتىسىدا باج كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ كەچۈرۈم قىلىشنىڭ، شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى كانادادا داۋاملاشتۇرۇش شەرتىگە باغلىق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئوتتاۋانىڭ بۇ تاشلىغان قەدىمى، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى مۇھىم سانائەت ساھەسىنىڭ ئامېرىكاغا يۆتكىلىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن  ئەندىشە پەيدا قىلدى.

ھۆرمەت قىلماسلىق

ترامپ، سەيشەنبە كۈنى «ترۇت سوشىئال» مۇنبىرىدە ھەمبەھىرلىگەن بىر ئۇچۇرىدا، خىتاينى بۇرۇنقى بىر سودا كېلىشىمىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ترامپنىڭ تىلغا ئالغان كېلىشىمى، تۇنجى پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىپ كەتكەن تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن چۈشىنىشنامە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، خىتاينىڭ پەقەت «سېتىۋېلىشقا ماقۇل بولغان مىقدارنىڭ ئاران بىر قىسمىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ سەلىپى جو بايدىن ھۆكۈمىتىگە «ھۆرمەت قىلمىغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان ترامپ، خىتايدىن قىلىنىدىغان ئىمپورتلارغا يۇقىرى تامۇژنا بېجى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ئامېرىكا سودا شېرىكلىرىگە %10 لىك «ئاساسلىق» باج ئىشلىتىشنى باشلىغان ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى، بۇ باجنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يانفۇن ۋە لاپتوپ قاتارلىق بەزى تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىغا دۇنياۋى %10 لىق تاموژنا بېجىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا قوللىنىلغان %125 لىك قوشۇمچە باجدىن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا ترامپ، ئامېرىكالىق دېھقانلارنىڭ سودا توقۇنۇشلىرى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم «قارشى تەرەپلىرىمىز بىلەن، مەسىلەن خىتاي بىلەن، ئالدىنقى سەپلەرگە جايلاشتۇرۇلغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قوغداشقا ۋەدە بەردى.

خىتايدىن قىلىنىدىغان نۇرغۇن ئىمپورتلارغا، ھېلىھەممۇ %145 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلماقتا، ياكى ترامپنىڭ خىتاينىڭ فېنتانىل تەمىنات زەنجىرىدىكى رولى سەۋەبىدىن قوللانغان بۇرۇنقى %20 لىك باجلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئۆچ ئېلىش خاكاتېرلىق باج نىسبەتلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، كېيىن ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت مەھسۇلاتلارغا چوڭ كۆلەملىك %125 لىك باجنى يولغا قويغان ئىدى.  

بويىڭ شىركىتىنىڭ پايچېكلىرى سەيشەنبە كۈنى %2.4 قىممىتىنى يوقاتتى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ