ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پەلەستىنلىك كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسىنى پۇقرالىق سۆھبىتى ھارپىسىدا قولغا ئالدى
مۇھسىن ك. مەھدەۋى ۋېرمونت ئىشتاتىنىڭ كولچېستېر شەھىرىدىكى پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر مۇلازىمىتى ئىشخانىسىدا پۇقرالىققا ئۆتۈش باسقۇچى سۆھبىتىگە تەييارلىنىۋاتقاندا قولغا ئېلىندى.
ئامېرىكا پەلەستىنلىك كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسىنى پۇقرالىق سۆھبىتى ھارپىسىدا قولغا ئالدى
His lawyers filed a habeas corpus petition, alleging the US government was violating his due process rights by targeting him for his political views. / AP

ئىگىلىنىشىچە، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى مۇھسىن ك. مەھدەۋى  ۋېرمونت ئىشتاتىنىڭ كولچېستېر شەھىرىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر مۇلازىمىتى ئىشخانىسىدا پۇقرالىق سۆھبىتىنى تاماملاش ئالدىدا، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇداپىئە ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا «‹The Intercept› خەۋەرلەر تورى» نىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، قانۇنىي جەھەتتىن دائىمىلىق ياشاش ئىجازەتنامەسى بولغان ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قورۇسىدىكى نامايىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سابىق يېتەكچىلىرىدىن بولغان  مۇھسىن ك. مەھدەۋى، ۋېرمونت ئىشتاتىنىڭ كولچېستېر شەھىرىدىكى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇداپىئە ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭ ئادۋوكاتى لۇنا درۇبى «‹The Intercept› خەۋەرلەر تورى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

 «ئۇ بۇ دۆلەتكە ئۆزى شاھىت بولغان زۇلۇملار ھەققىدە ئەركىن سۆزلەش مەقسىتىدە كەلگەن، لېكىن ئۇ پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلغانلىقى سەۋەبىدىنلا جازالاندۇرۇلدى.

مەھدەۋىنىڭ قولغا ئېلىنىشى قانۇنسىزلىقتۇر. دەرۋەقە، بۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشى ئۇنىڭ پەلەستىنلىك بولۇشىدۇر.»

مەھدەۋىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇنىڭ سىياسىي قاراشلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەھدەۋىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش مۇساپىسىدىكى ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتقا «مەھدەۋىنىڭ پاناھلىنىش ھوقۇقىنى قوغداش» ئەرزى سۇندى.

ئەرزدە، مەھداۋىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىن قالغان، ناھايىتى ئاز يولغا قويۇلىدىغان كۆچمەنلىك ۋە پۇقرالىق قانۇنىنىڭ بىر ماددىسىغا ئاساسەن  چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن كۆچمەنلەر بۇ ماددىغا ئاساسەن دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن، يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن پەلەستىنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەھمۇد خەلىل قاتارلىق باشقا شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىمۇ ئىجرا قىلىنغان.

 

 چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئۆلۈم جازاسى دېگەنلىكتۇر

 

مەھدەۋى ئەگەر  چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلسا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە ئۆيلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «‹The Intercept› خەۋەرلەر تورى» غا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ بىر خىل ئۆلۈم جازاسىدۇر» دېدى.

يەھۇدى ۋە پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولغان مەھدەۋى، 2024-يىلى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ئازايتقان بولسىمۇ، Canary Mission ۋە Betar قاتارلىق ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلار ۋە زىيونىست گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاممىۋى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

ۋېرمونت شەھەرلىك پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرس مەھدەۋىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە ئادىل سوتلاش ھوقۇقى بېرىلىشى ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.

 مەھدەۋىنى قولغا ئالغانلار ئۇنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ياكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.»

 ساندېرس بۇ ئەھۋالنى «ئەخلاقسىز، ئىنسانىيەتكە خىلاپ ۋە قانۇنسىز قىلمىش» دەپ ئاتىدى.

مەھدەۋى كەڭ كۆلەملىك سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ پەلەستىن ھەمكارلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان خەلقئارالىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە، دۆلەتتىن قوغلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ توققۇزىنچى ئوقۇغۇچىسى بولدى.

 بېسىملار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

مەھدەۋىنىڭ دەۋاسى، ئىسرائىلىيەنىڭ قامال ئاستىدىكى رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلغان پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغان ۋە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. 8-مارت كۈنى، دائىرىلەر ئالدىنقى يىلى باھاردا كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا پەلەستىننى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلغان مەھمۇد خەلىلنى قولغا ئالدى. ترامپ ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «بۇ كۆپلىگەن تۇتقۇنلارنىڭ بىرىنچىسى ھېسابلىنىدۇ» دېيىش ئارقىلىق مەمنۇنىيىتىنى ئىپادىلىدى.

ترامپ ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمەستىنلا خەلىلنى ھاماسنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى. خەلىل بولسا پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى قەتئىي رەت قىلدى. 12-ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكا سوتچىسى خەلىلنىڭ دۆلەتتىن قوغلىنىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

خەلىل تۇتقۇن قىلىنىپ بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرى  ئىسپاتلانغان بولدى. جورجتوۋن ئۇنۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولغان ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچى بادار خان سۇرى، رەپىقىسى پەلەستىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىندى. ئادۋوكاتى سۇرىنىڭ بۇ سەۋەبتىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن كېيىن، دائىرىلەر يەنە باشقا بىر پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچى بولغان مومودۇ تالنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى.

25-مارت كۈنى، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى يۇنسېئو چۇڭ، ئالدىنقى يىلى باھاردىكى پەلەستىننى قوللايدىغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن دۆلەتتىن قوغلىنىشنى توختىتىش مەقسىتىدە ترامپ ھاكىمىيىتىگە قارشى سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇ كۈنى، تۇفتس ئۇنۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان رۇمەيسا ئۆزتۈرك، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن كۈندۈزى تۇتۇپ كېتىلدى.

لەقا كوردىيا، رانجانى سرىنۋاسان ۋە ئەلىرىزا دورۇدى قاتارلىق باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ يا قولغا ئېلىندى ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئامېرىكادىن چىقىپ كەتتى.

ئىزدىنىڭ
پايتەختتە 2800 يىللىق فرىگىيە مىراسلىرى يورۇقلۇققا چىقىرىلماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كەسپىدىشلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا كانچىلىق ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل مەركىزىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بەش يىللىق يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى
فىرانسىيە ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
ترامپ ئامېرىكا-ئىران سۆھبەتلىرىگە توسالغۇ بولسا ئوماننى بومباردىمان قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى:
رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان راك ۋاكسىنىسى تۇنجى كلىنىكىلىق سىناقلاردا ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشتى
بۇركىنا فاسو سەھىيە مىنىستىرى كەرگۇگۇ تۈركىيەلىك دوختۇرلار ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى
كاپادوكيا شار بايرىمى 30 خىل ئۆزگىچە شەكىلدىكى شارنىڭ ئۇچۇشى بىلەن باشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن بىلەن بىر كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى
ئالىملار مېڭە سۈرئىتىدە ئىشلەيدىغان ئۆزەك ئىجاد قىلدى