سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا بىلەن ئىراننىڭ توختاپ قالغان يادرو سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ
سۆھبەت جەريانىدا 2015-يىلى بىكار قىلىنغان ئېمبارگولارنى قايتا يولغا قويۇش ئېھتىماللىقى ۋە تېھراننىڭ يادرو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ياۋروپا بىلەن ئىراننىڭ توختاپ قالغان يادرو سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ
2025-يىلى7-ئاينىڭ25-كۈنى

بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئىرانلىق ۋە ياۋروپالىق دىپلوماتلار تېھراننىڭ يادرو پىلانى توغرىسىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش يولىدا يېڭى قەدەم بېسىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان E3 دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىران كونسۇلخانىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ، ئىراننىڭ ئىيۇن ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن 12 كۈن توقۇنۇشۇپ، ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۆھبەتنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياۋروپالىق دىپلومات، ئېمبارگولارنى ئاپتوماتىك ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمى بولغان«snapback» نىڭمۇ «سۆھبەت تېمىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر دىپلومات: «ئىراننىڭ سەمىمىي دىپلوماتىك ئىرادىسىنى نامايان قىلىشى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (UAEA) بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەرنى تۈگىتىشى شەرتى بىلەن، snapback نى كېچىكتۈرۈش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دېدى.

ياۋروپا رەھبەرلىرى، ئەگەر ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەشتە ئىلگىرىلەش بولمىسا، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېمبارگولارنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

بۇ ئەسنادا، تېھران ھۆكۈمىتى 2015-يىلدىكى كېلىشىمدىن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە چېكىنىپ چىققان ئامېرىكانىڭ، سۆھبەتتىكى رولىغا نىسبەتەن ئىشەنچنى قايتا تىكلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كازىم غەرىبئابادى، ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشىنىڭ «ئىراننىڭ ئىشەنچىسىنى قايتا بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە تۈپ پىرىنسىپ»قا باغلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى «ئىراننىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قەتئىي يوقلۇقى»نى ئېيتتى.

غەرىبئابادى پەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئۇچۇرىدا يەنە، سۆھبەتلەرنىڭ «ھەربىي ھەرىكەتكە ئوخشاش يوشۇرۇن كۈنتەرتىپلەر ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇپ قالماسلىقى» كېرەكلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

ئىرانلىق ئەمەلدار، ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاندۇرۇش ھوقۇقىغا «قانۇنلۇق ئېھتىياجلىرى دائىرىسىدە» ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە بارلىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇردى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى

ئىران، ئېمبارگولار قايتا يولغا قويۇلغان تەقدىردە، يادرو قوراللىرىنى ياساپ چىقماسلىققا ۋەدە بەرگەن «يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسى» (NPT) دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتىنى قەرەللىك ھالدا تەكرارلاپ كەلمەكتە.

سۆھبەتلەر مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئىرانغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەجىد تەخت راۋانچى ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر يىغىن ماي ئېيىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

E3  ۋەكىللىرىنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى مۇئاۋىنىنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە 2015-يىلىدىكى كېلىشىمنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىغانىدى. ئامېرىكانىڭ 2018-يىلى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «كېلىشىم يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس» دەپ چىڭ تۇرۇشى سەۋەب بولغانىدى. ئەسلىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، رۇسىيە بىلەنمۇ خىتايمۇ قايتا يولغا قويۇلماقچى بولغان ئېمبارگولارغا قارىتا ۋېتو ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە ئامېرىكانىڭ B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراننىڭ ئۈچ يادرو ئەسلىھەسىنى بومباردىمان قىلىشىدىن كېيىن، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، E3  دۆلەتلىرىنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ «ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆز ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى بىلدۈرگەنىدى.

ئىراننىڭ بۇ ھۇجۇملارغا ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ۋە قاتاردىكى بىر ئامېرىكا بازىسىغا زەربە بېرىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشىدىن كېيىنكى بۇ توقۇنۇش ۋەزىيىتىدە، كېيىنكى قەدەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىقسىز.

ياۋروپالىق ئەمەلدارلار تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشتىن ساقلىنىشنى ۋە سۆھبەت ئارقىلىق بىر چارە تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى توغرىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇردى.

ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ يادرو سانائىتىنىڭ «قايتىدىن جانلىنىپ، تېخىمۇ راۋاجلىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي شى-ترامپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئامېرىكا ماللىرىغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى بىر يىل توختاتتى
فلورىدا سوتنىڭ قارارى بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ
مامدانى نىيۇ يورك تارىخىدا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان نامزات بولۇپ قالدى
پۇتىن رۇسىيەدە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ مامدانىنىڭ مالىيە ياردىمىنى كېسىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
تۈركىيە غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ
گرېمىڭگېر:تۈركىيە قاتارلىق كۈچلەر تېخىمۇ ئادىل يەرشارى تەرتىپىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم قىلالايدۇ
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق
ترامپ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يوشۇرۇن يادرو سىناقلىرى قىلغانلىقىنى ئىلگرى سۈردى
«ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى ئاچىدۇ»
پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى 3 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى
مالدىۋې ئاراللىرى دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلادلار ئارا تاماكا چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى
تانزانىيەدە زوراۋانلىق ۋە نامايىشلار سايىسىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 15 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر بالىنى ئۆلتۈردى
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟