غەززەدە 7 بوۋاق توڭلاپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا سوغۇق ھاۋا شارائىتى سەۋەبىدىن توڭلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى.

غەززەدە 7 بوۋاق توڭلاپ ھاياتىدىن ئايرىلدى / TRT Global

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا شارائىتى ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا ئىكەن.

غەززەدە 7 مىڭ 700 بوۋاق قوغدىنىش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، ھازىرغىچە كەم دېگەندە 7 بوۋاق قاتتىق سوغۇقتا توڭلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كامال ئەدۋان دوختۇرخانىسىنى خىزمەتتىن توختىتىشى قاتتىق ئەيىبلىگەن باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، كامال ئەدۋان دوختۇرخانىسى ۋە ئەتراپى 2024-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 50 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

باياناتتا، كامال ئەدۋان دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ھۇسام ئەبۇ سافىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.