ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي رۇسىيە ئېنېرگىيە ماگناتىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى «AAA» قىلىپ بېكىتتى
خىتاي شىركىتى ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتى «گاپروم» نىڭ دەرىجىسىنى «AAA» قىلىپ بېكىتتى.
خىتاي رۇسىيە ئېنېرگىيە ماگناتىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى «AAA» قىلىپ بېكىتتى
/ Reuters

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ «سىبىرىيەنىڭ كۈچى 2» تۇرۇبا لىنىيەسىنى تەستىقلىغىنىغا بىرنەچچە كۈن بولغاندا، خىتاي شىركىتى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتى «گاپروم» نىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى «AAA» قىلىپ بېكىتتى.

خىتاينىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى CSCI Pengyuan جۈمە كۈنى ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن رۇسىيەنىڭ نېفىت ماگناتى «گاپروم» نىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى AAA قىلىپ بېكىتتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ رۇسىيەنىڭ داڭلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە يەرلىك زايوم بازارلىرىنى قايتىدىن ئېچىشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.

CSCI Pengyuan نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «گاپرومنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى بۇ شىركەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قانۇنىي باغلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

 گاپرومنىڭ دۇنيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىدىكى مۇھىم ئورنى ھەم رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىدىكى مۇھىم رولى قاتارلىق كۈچلۈك تىجارەت دائىرىسى بۇ شىركەتنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ «سىبىرىيەنىڭ كۈچى 2» تۇرۇبا لىنىيەسىنى تەستىقلىغىنىغا بىرنەچچە كۈن بولغاندا، گاپرومنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ «AAA» قىلىپ بېكىتىلىشى بۇ شىركەتنىڭ مۇقىم ھالەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

«گاپروم» بۇنى ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Parade with Putin and Kim aims to 'cherish peace', not conspire against US: China

«‹Financial Times› گېزىتى» نىڭ يەكشەنبە كۈنى ئالاقىدار مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىشلىرى مەسئۇللىرى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرلىرى رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا، يۈەن ئارقىلىق «پاندا زايوملىرى» نى سېتىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

شىركەتلەر ئادەتتە خىتايدا زايوم سېتىشتىن بۇرۇن ئىناۋەت دەرىجىسى ئالىدۇ.

لېكىن CSCI Pengyuan «گاپروم» غا مۇناسىۋەتلىك «يۇقىرى گېئوسىياسىي خەتەرلەر» نىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. «گاپروم» 2022-يىلى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالانغان ئىدى.

خىتاي ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش - بېكىتىش ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:

ئېمبارگولار ۋە گېئوسىياسىي قالايمىقانچىلىقلار شىركەتنىڭ تىجارىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، 2023-يىلى تەبىئىي گاز ئېكسپورت كىرىمى ۋە مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

گېئوسىياسىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تىجارەتتىكى ئېنىقسىزلىقلارمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ئالدىنقى ئايدا، CSCI Pengyuan پۈتۈنلەي رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تەۋە بولغان ئوتتۇرا تىپتىكى نېفىت شىركىتى Zarubezhneft نىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنىمۇ «AAA» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ