تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيە غەلىبە قىلدى» دېدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا قورال تاشلاشنى باشلىشى بىلەن «47 يىللىق بالايىئاپەت» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەردوغان: «تۈركىيە غەلىبە قىلدى» دېدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇقتىن خالىي تۈركىيە توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا قورال  تاشلاشنى باشلىشى بىلەن «47 يىللىق بالايىئاپەت» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ تېررورىزمىدىن خالىي تۈركىيە ۋە يېڭى مىللىي دەۋرگە قاراپ ئېلىنغان سىمۋوللۇق قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئىراقتا پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ سىمۋوللۇق قورال تاشلىشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى نەچچە ئون يىللىق كۈرىشىدە تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ شەنبە كۈنى (12-ئىيۇل): «بۈگۈن يېڭى بىر كۈن، تارىختا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى» دېدى ۋە «47 يىللىق تېررورىزم بالايىئاپىتى» نى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم دەپ ئاتىدى.

جۈمە كۈنى (11-ئىيۇل)، 30 نەپەر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدا قوراللىرىنى كۆيدۈردى. ئىنتايىن مۇھىم سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بۇ ھەرىكەت، ئەنقەرە تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تارقىلىشىنىڭ باشلىنىشى دەپ ئانالىز قىلىنماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - PKK terror weapons go up in smoke

بۇ ۋەقە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك تېررورلۇق ھەرىكىتى باسقۇچلىرىدا، تەشكىلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللۇق قەدەملىرىدىن بىرى قارىلىدۇ. پ ك ك ئەنقەرە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈنۈگۈندىن (11-ئىيۇل) باشلاپ، تېررورىزم بالايىئاپىتى ئاخىرلىشىش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. تۈركىيە ئازابلىق ۋە كۆز ياشلىق بىر باپنى يېپىشقا باشلىدى. بۈگۈن بۈيۈك، قۇدرەتلىك تۈركىيە ئەسىرىنىڭ دەرۋازىلىرى كەڭ ئېچىلدى» دېدى.

تېررورىزمىدىن خالىي تۈركىيە ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش

بۇ پەيتنى ھەم مىللىي ياخشىلىنىش، ھەم ئىستراتېگىيەلىك غەلىبە دەپ تەسۋىرلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمىدىن خالىي تۈركىيە بەرپا قىلىش ۋەدىسىنى تەكرارلاپ، ئىتتىپاقلىق ۋە قانۇن ئىسلاھاتى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ۋەدە بەردى.

ئۇ: «بىز پارلامېنتىمىزدا بۇ مۇساپىنىڭ قانۇنىي تەلەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرىمىز. بىز بىرلىكتە، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ خىزمەت قىلىمىز ۋە بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىمىز» دېدى.

ئۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈرك مىللىتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «تۈركىيە غەلىبە قىلدى، مېنىڭ مىللىتىم غەلىبە قىلدى. تۈرك، كورد (كۈرت)، ئەرەب- 86 مىليون پۇقرايىمىز غەلىبە قىلدى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز نېمە قىلساق، ئۇنى تۈركىيە ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن، مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «بىز ھېچكىمنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ شان-شەرىپىنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايمىز، بىز ھەرگىز باش ئەگمەيمىز. بىز ئىتتىپاقلىقىمىزغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزگە، خەلقىمىزگە ياكى تىنچلىقىمىزغا ۋە خاتىرجەملىكىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز.»

ئۇ بۇ مىنۇتلارنى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى دەپ تەسۋىرلىدى ۋە: «بۈگۈن بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيەنىڭ تاڭ شەپىقى يورۇماقتا. بىز تېررورىزمىدىن خالىي تۈركىيە قۇرۇش پىروگراممىمىزنى مۇشۇ چۈشەنچە بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە ئەسىرىنىڭ دەرۋازىلىرى كەڭ ئېچىلدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - UN welcomes PKK terrorist group disarmament process

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»