سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن يېڭى خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن رايون خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى.
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن يېڭى خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كېلىشىملەرنى تۇتقان ھالدا قول ئېلىشتى. 2026-يىلى 15-يانۋار، مانىلا، رويتېرس. / Reuters
2 سائەت بۇرۇن

توكيو ۋە مانىلا يېڭى ئەشيا ئوبوروتى ۋە ياردەم كېلىشىملىرى ئارقىلىق ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈزلەندى، بۇ رايوندىكى دېڭىز-ئوكيان ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زىچ ماسلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

فىلىپپىن بىلەن ياپونىيە پەيشەنبە (2026-يىلى 15-يانۋار) كۈنى ئىككى مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا تەمىنات ۋە مۇلازىمەت ئالماشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدىغان كېلىشىممۇ بار. ئىككى دۆلەت رايوندىكى جىددىيلىككە قارىتا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا.

«ئېرىشىش ۋە ئۆزئارا مۇلازىمەت قىلىش كېلىشىمى» (ACSA) ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا تەمىنات ۋە مۇلازىمەتنى تېز يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن ئىككى ئىتتىپاقدىشى ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى ئىمزالانغان مۇھىم «ئۆزئارا زىيارەت قىلىش كېلىشىمى»  (RAA) كۈچكە ئىگە بولۇپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئىمزالانغان بولدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگى (Toshimitsu Motegi) ئىسرائىلىيە، پەلەستىن، قاتار ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە، مانىلادا بۇ كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى. بۇ توكيۇنىڭ كېڭىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك تەسىر دائىرىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

موتېگى بىلەن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېرېسا لازارو (Theresa Lazaro) فىلىپپىننىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن توكيونىڭ 6 مىليون دوللارلىق «رەسمىي خەۋپسىزلىك ياردىمى» (OSA) بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەبلەغ ياپونىيە ئىئانە قىلغان قاتتىق پەردىلىك ھاۋا تولدۇرۇلغان كېمىلەرنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ياپونىيە شەرقىي ئاسىيادىكى دېڭىز-ئوكيان جىددىيلىكىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ھالەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرماقتا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسى ئاستىدا فىلىپپىننىڭ دېڭىز خەۋپسىزلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

موتېگى لازارو بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «مەن ۋە ھۆرمەتلىك مىنىستىر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئېغىر ئىستراتېگىيەلىك مۇھىت ئالدىدا، ياپونىيە-فىلىپپىن-ئامېرىكا ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردۇق» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Japan, Philippines eye further defence cooperation to counter China

جىددىيلىك

ياپونىيە 2016-يىلى گاگادىكى دائىمىي كېسىم سوتى چىقارغان، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىك تەلىپىنى رەت قىلغان ھۆكمىنى قوللاپ كەلدى، بېيجىڭ بولسا رەت قىلىپ كەلمەكتە.

لازارو ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز قاتنىشى ۋە ئاۋىياتسىيە ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

موتېگىنىڭ زىيارىتى فىلىپپىننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ياپونىيە تەيۋەن ئەتراپىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئاگاھلاندۇردى. باش ۋەزىر سانائې تاكائىچىنىڭ نويابىر (2025) دا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە قىلغان سۆزى بېيجىڭنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى، بۇ ساياھەتنى بايقۇت قىلىش ۋە قوش مەقسەتلىك (ھەم پۇقراۋى ھەم ھەربىي) مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي ياپونىيە زېمىنىدىن ئاران 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەتتا ئارالنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشنى رەت قىلمايدۇ. تەيۋەن بولسا، بېيجىڭنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ ۋە پەقەت تەيۋەن خەلقىنىڭلا تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ياپونىيە بېيجىڭنىڭ رايوندىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچى ۋە زومىگەرلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك ھەربىي كۈچىيىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Philippines, Japan boost military ties with new defence accord

 

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭ: ترامپ خىتاينى باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىمۇ، ئۇرۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا بىلەن دانىيە گىرېنلاندىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ترامپ: ئىران يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقە قىلدى
ئارگېنتىنا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا كۆچۈرۈش پىلانىنى توختىتىپ قويدى
ب د ت ئىراننى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى
باڭلادىش غەززەدىكى خەلقئارالىق قوشۇنغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى
ترامپ قوماندانلارغا گىرېنلاندىيە ئېلىش پىلانىنى تۈزۈشكە پەرمان چۈشۈردى
تۈركىيە سۇدانغا توننىلارچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان  «ياخشىلىق پاراخوتى» ئەۋەتتى
ترامپ: بىز  «ياردەمگە تەييار»
ئۇكرائىنا: رۇسىيە قارا دېڭىزدا ئىككى يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئەگەر بىز قولغا چۈشۈرمىسەك، رۇسىيە ياكى خىتاي گرېنلاندىيەنى ئىگەللىۋالىدۇ
سۈرىيە ي پ گ تېررورچىلىرىنى ھەلەبتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىرانغا 17 قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىنى بىكار قىلدى