سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار گۇرۇھى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قىزىل دېڭىزدىكى جىددىيچىلىك ۋە دېڭىز قاتنىشى خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

Axios تور بېتىنىڭ رايون مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئومان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە يەكشەنبە كۈنى ئوماننىڭ پايتەختى مەسقاتتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.

سۆھبەتتە ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ئامېرىكا بىلەن ھۇسىيلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا 2025-يىلى ماي ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشىنى ۋە دۇنيا سودىسى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بابۇلمەندەب بوغۇزىنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ھۇسىيلار گۇرۇھى ۋەكىللىرى بولسا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بىلەن يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە سادىق ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستان پاراخوتلىرىنىلا نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا، ھۇسىيلار بابۇلمەندەب بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان باشقا بارلىق خەلقئارالىق پاراخوتلارنىڭ دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى تەكرارلىغان.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇسىيلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ