ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 9 ئادەم قازا قىلدى، 17 ئادەم يوقاپ كەتتى.
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى / AP

تەيفېڭ بورىنى قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇردى؛ مەركىزىي ئىشتاتلاردىكى تۆت ئايرودۇرۇمنىڭ تاقىلىشى سەۋەبىدىن يۈزلەرچە ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىندى ياكى كېچىكتۈرۈلدى.

ۋېيتنامدا دۈشەنبە كۈنى «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە توققۇز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 17 ئادەم يوقاپ كەتتى. بوران – چاپقۇن ئۆيلەرگە زىيان سالدى، توك لىنىيەلىرىنى كارغا كەلمەس قىلىپ قويدى ھەمدە لائوسقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، كۈچى ئازراق تۆۋەنلەشتىن ئىلگىرى كەلكۈن ۋە غايەت زور دولقۇنلارنى ھاسىل قىلدى.

دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۇۋالوي» دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ۋېيتنامنىڭ شىمالىي – مەركىزىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلگەن ھەمدە سەككىز مېتىرغىچە دولقۇنلارنى ھاسىل قىلغان.

تانخوئا ئىشتاتىنىڭ يەرلىك دائىرىلىرىدىن نگۇيېن نگوك خۇڭ، بوران – چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقلىرىدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا ئۈستىگە دەرەخ يىقىلىپ چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. خۇي شەھىرىدە بىر، دانانگدىمۇ بىر ئادەم  كەلكۈن سۈيىگە غەرق بولۇپ قازا قىلدى.

كۇاڭ ترى ئىشتاتىدا قاتتىق شامال بىر بېلىقچى كېمىسى باغلانغان ئارغامچىلارنى ئۈزۈپ تاشلىدى، كېمىدىكى توققۇز خادىم بىلەن بىللە كېمە ئېقىپ كەتتى. تۆت ئادەم دېڭىز قىرغىقىغا يۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدى. گىيا لاي ئىشتاتىدا سەككىز بېلىقچى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

نىڭ بىڭ ئىشتاتىدا قاتتىق شامال سەۋەبىدىن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. كۇاڭ ترى دېڭىز قىرغىقىدا 17 بېلىقچى ئولتۇرغان ئىككى بېلىقچى كېمىسى غايەت زور دولقۇنلار سەۋەبىدىن يوقاپ كەتتى. يەنە بىر بېلىقچى كېمىسى بىلەنمۇ بوران – چاپقۇن جەريانىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

نگې ئان ئىشتاتىدا ياشايدىغان 45 ياشلىق نگۇيېن تۇئان ۋىنھ بوران - چاپقۇن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن نۇرغۇن بوران - چاپقۇنلارنى كۆردۈم، ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئەڭ قاتتىق بوران - چاپقۇنلاردىن بىرى ئىدى. قوشنىلىرىمنىڭ ئۆيلىرىنىڭ توكى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇلار ئۆيلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تۈن بويى ئۇخلىمى.»

خو ۋەن كۇيىنھ مۇنداق دېدى:

«مەن ئىشىكنىڭ قاتتىق شامالدا ئورنىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، پۈتۈن كېچە ئۇخلىمىدىم.»

سائەت 11:00 دە (گرىنۋىچ ۋاقتى 04:00) تەيفېڭ بورىنى نگې ئان ئىشتاتىدىن لائوسقا قاراپ ئىلگىرىلىدى ھەمدە قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلگەندە سۈرئىتى 117 كىلومېتىرغا/شامالنىڭ سۈرئىتى بويىچە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بولغان 74 كىلومېتىرغا يەتتى.

«بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى ھازىرغىچە 245 ئۆينى ۋەيران قىلدى، تەخمىنەن 1400 گېكتار شاللىق ۋە باشقا زىرائەتلەر سۇ ئاستىدا قالدى، رايونلارغا كىرىش چەكلەندى. لېكىن، چوڭ سانائەت مۇئەسسەسەلىرىدە مۇھىم زىيانلار كۆرۈلمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەيفېڭ بورىنىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولىدا Foxconn، Luxshare، Formosa Plastics ۋە Vinfast قاتارلىق چوڭ زاۋۇتلار بار ئىكەن.

تەيفېڭ بورىنى ھارپىسىدا ھۆكۈمەت 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇردى. تۆت مەركىزىي ئىشتاتتىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ تاقىلىشى سەۋەبىدىن يۈزلەرچە ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىندى ياكى كېچىكتۈرۈلدى.

«بۇۋالوي» نىڭ سۈرئىتى، بۇ تەيفېڭ بورىنىنىڭ يەنە «10-نومۇرلۇق بوران» دەپمۇ ئاتىلىدىغان، شەرقىي دېڭىزدىكى ئەڭ تېز ھەرىكەت قىلىدىغان بوران ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بوران - چاپقۇن 26-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە تەخمىنەن ئىككى كۈن ئىچىدە 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق (621 مىل) يول يۈرۈپ، ۋېيتنامنىڭ شىمالىي ۋە مەركىزىي رايونلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

تەيفېڭ بورىنى شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ۋېيتنامنىڭ كۆپ قىسمىدا قارا يامغۇرلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، دائىرىلەر ئېغىر كەلكۈن ۋە تۇپراق سىيرىلىش خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېيتنامنىڭ بەزى رايونلىرىدا يەكشەنبە كېچىدىن سەيشەنبە كۈنىگىچە ياغقان يامغۇرنىڭ مىقدارىنىڭ 500 مىللىمېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا قارايدىغان ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقىغا ئىگە ۋېيتنام ئادەتتە فىلىپپىننىڭ شەرقىدە شەكىللەنگەن تەيفېڭ بورانلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئالدىنقى ھەپتە «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى فىلىپپىنگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈپ، بىرنەچچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى