مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلالىق ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كورىنا ماچادو 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
58 ياشلىق ۋېنېزۇئېلالىق ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كورىنا ماچادو338 نامزات ئىچىدە، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك كاندىداتلارنى يەڭدى.
ۋېنېزۇئېلالىق ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كورىنا ماچادو 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ۋېنېزۇئېلالىق ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كورىنا ماچادو. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى جۈمە (10-ئۆكتەبىر) كۈنى 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى رەھبىرى مارىيا كورىنا ماچادوغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، 58 ياشلىق ماچادو «ۋېنېزۇئېلا خەلقى ئۈچۈن دېموكراتىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى» ئۈچۈن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

بۇ يىللىق مۇكاپاتقا، 244 شەخس ۋە 94 تەشكىلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 338 كاندىدات نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى.

ئۆتكەن يىلقى (2024) نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ياپونىيەدە ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار قۇرغان ۋە ئون يىللاردىن بۇيان يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان خەلق ھەرىكىتى-«نىخون خىدانكيو» غا بېرىلگەن ئىدى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2024-يىلىغىچە 111 كىشىگە ۋە 31 تەشكىلاتقا، يەنى جەمئىي 142 تاللانغان نامزاتقا 105 قېتىم بېرىلدى.

 105 قېتىم 142 مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 111 شەخس ۋە 31 تەشكىلات بار.

جەمئىي 28 ئايرىم تەشكىلات نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خەلقئارا قىزىل كېرىست كومىتېتى ئۈچ قېتىم، ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقى (UNHCR) ئىككى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شۋېتسىيەلىك كەشپىياتچى ئالفرېد نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن قۇرۇلغان ۋە تۇنجى قېتىم 1901-يىلى بېرىلىشكە باشلىغان نوبېل مۇكاپاتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شۆھرەتكە ئىگە مۇكاپاتلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

نوبېل مۇكاپاتلىرى ھەر يىلى فىزىكا، خىمىيە، فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق ساھەلىرىدە تارقىتىلىدۇ. ئىقتىساد مۇكاپاتى 1969-يىلى شۋېتسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ مەبلەغ تەسىس قىلىشى بىلەن نوبېل مۇكاپاتلىرى تىزىملىكىگە قوشۇلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Maduro-Machado talks unlikely as opposition avoids Venezuela court call

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى