سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ خىتاينىڭ ھەربىي پاراتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
خىتاي رەئىسى شى جنپىڭ شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىللە بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكا بۇنى «ھەيۋە كۆرسىتىش» دەپ قارىدى.
ترامپ خىتاينىڭ ھەربىي پاراتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
شى جىنپىڭ، پۇتىن ۋە كىم جوڭئۇن بېيجىڭدىكى چوڭ ھەربىي پاراتتا بىر يەرگە جەم بولدى. سۈرەت: ئا پ. / AP

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدىكى چوڭ ھەربىي پاراتتا بىر يەرگە جەم بولدى. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىتتىپاقلىق نامايەندىسى ۋاشىنگتوننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دۇچ كەلدى.

شى ئىككى رەھبەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىزىل گىلەمنىڭ ئۈستىدە تيەنئەنمېن مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. مىڭلىغان كىشىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئوقۇغان، ئەسكەرلەر سەپ تۈزۈپ ماڭغان بۇ پاراتتا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەپ زەمبىرەكلەر ئېتىلدى.

شى دۇنيانىڭ «تىنچلىق ياكى ئۇرۇشنى تاللاش» قا دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي مىللىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ھېچكىم توسىيالمايدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» دېدى.

بۇ 70 مىنۇتلۇق پارات شى تيەنجىندە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، غەربنىڭ «مۇشتۇمزورلۇقى»نى ئەيىبلىگەن دىپلوماتىيە ھەپتىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

پۇتىن يىغىندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىلمىشلىرىنى ئاقلىدى، شى بولسا، خىتاينى غەرب تەسىرىنىڭ سىرتىدىكى رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاقنىڭ مەركىزى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.

يىغىندىن كېيىن كىم جوڭئۇننىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇنىڭ شى ۋە پۇتىن بىلەن ئوخشاش بىر پائالىيەتتە تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالتە يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چەت ئەل ساياھىتى بولدى.

ئۇ قىزى كىم جۇئې بىلەن پويىزدا بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى ۋە خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

ھەربىي پاراتتا پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، ئۇچقۇلار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ۋە يېڭى لازېرلىق قورال دەپ قارالغان قورال-ياراغلار دىققەت قوزغىدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بارلىق قورال-ياراغلارنىڭ خىتايدا ياسالغانلىقىنى ۋە ئاكتىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپنىڭ ئېغىر بېسىمى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە سورالغاندا، ئۈچ رەھبەرنى ۋاشىنگتونغا قارشى «سۇيىقەست پىلانى تۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ: «مەن ھېچقانداق ئەندىشە قىلمايمەن، ياق» دېدى ۋە ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئامېرىكاغا قارشى سۇيىقەست قىلىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«خىتاينىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە شان-شەرىپىنى قوغدىشى يولىدا نۇرغۇن ئامېرىكالىقلار جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقى ۋە پىداكارلىقى ئۆز لايىقىدا ھۆرمەتلىنىدۇ ۋە خاتىرىلىنىدۇ.»

خىتاينىڭ چوڭ ھەربىي پاراتىغا،  ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىيان، پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شېرىف، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مىن ئاڭ خلايڭ، سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇجىچ، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇخنا خۇرېلسۇخ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋ ۋە بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو قاتارلىقلار قاتناشتى.

بۇ پارات خىتاينىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى.

2015-يىلىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق