ياشلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى پىسخىكىلىق ياردەم ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل پاراڭ بوتلىرىنى ئىشلەتمەكتە
يېڭى بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ھەر بەش ئۆسمۈر ۋە ياشنىڭ بىرى ئۆزىنى مەيۈسلۈك، غەزەپلىك، جىددىي ياكى بېسىم ئاستىدا ھېس قىلغاندا سۈنئىي ئەقىل پاراڭ بوتلىرىدىن مەدەت ئالماقتا.
ياشلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى پىسخىكىلىق ياردەم ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل پاراڭ بوتلىرىنى ئىشلەتمەكتە
مۇتەخەسسىسلەر سۈنئىي ئىدراكنىڭ كىرىزىس پەيتلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر، سۈنئىي ئەقىلنىڭ كىرىزىس پەيتلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ۋەزىيەتتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

«RAND» تەتقىقات ئورگىنىنىڭ نەتىجىسى «JAMA Pediatrics» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات، ياشلار ئارىسىدا سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

2025-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە، ياشلارنىڭ %13ى پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئۈچۈن پاراڭ بوتلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، نويابىردىكى ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈشتە بۇ نىسبەت %19گە ئۆرلىگەن.

«RAND»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت تەتقىقاتچىسى ۋە تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى رايان ماكبېين (Ryan McBain): «بۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر مەنزىرە. ياشلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن راھەت ئالاقە قىلالايدىغان، ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدىغان مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

12 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان قاتناشقۇچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، ياشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاراڭ بوتلىرىدىن ئالغان مەسلىھەتلىرىنى پايدىلىق دەپ قارايدىغانلىقى كۆرۈلدى. قاتناشقۇچىلارنىڭ تەخمىنەن %63ى بولسا داۋالاش مەقسىتىدە سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ھېچكىمگە ئېيتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر، سالاھىيەت كىنىشكىسى بار روھىي ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى ياكى بۇ مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ قىيىن بولۇشى سەۋەبىدىن ياشلارنىڭ سۈنئىي ئەقىلنى بىر تاللاش سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. بىراق «ChatGPT»نى تەرەققىي قىلدۇرغۇچى «OpenAI»دىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلار، ھەپتىلىك ئاساستا 1 مىليون 200 مىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆز جېنىغا قەست قىلىش خىيالىغا ئىشارەت قىلىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

«سۈنئىي ئەقىل پىسخوزى» ۋە ئاساسسىز ماقۇللاش خەۋپى

روھىي ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى، پاراڭ بوتلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىنى ھەددىدىن زىيادە ماقۇللايدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەنلىكىگە دىققەت تارتىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ سەزگۈر كىشىلەردە خام خىياللارنى قوزغىتىشى ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا. مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەنزىرىنى «سۈنئىي ئەقىل پىسخوزى» دەپ ئاتىماقتا.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلى شۆبىسى كاۋلى ئېتىكا، ئىلىم-پەن ۋە جەمئىيەت مەركىزىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق ئەمەلدارى، پىسخىك كېسەللىكلەر دوختۇرى دوكتور جودى خالپېرن (Dr. Jodi Halpern)، ئۆسمۈرلۈكنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن يىگىرمە ياشنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋرنىڭ، شەخسلەرنىڭ باشقا كىشىلەر بىلەن ئەڭ قويۇق رىشتە ئورنىتىدىغان باسقۇچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خالپېرن: «پاراڭ بوتلىرىنىڭ ئىنساندەك پوزىتسىيەدە بولۇشىنى، سىزگە قەدىر بېرىدىغانلىقىنى ياكى ھېس-تۇيغۇلىرى بارلىقىنى دەۋا قىلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن. ئۇلار مۇناسىۋەت جەھەتتىكى تەرەپلەرنى دورىماسلىقى كېرەك» دەپ  ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت خەۋپىگە دىققەت تارتتى.

سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى بولسا ئېشىۋاتقان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ئالدىدا تۈرلۈك دەۋالارغا دۇچ كەلمەكتە. كالىفورنىيەدىكى بىر ئەر-ئايال، ئوغلىنىڭ ئۆز جېنىغا قەست قىلىشىغا «ChatGPT» ئاساس سالدى دېگەن دەۋا بىلەن ئەرز قىلغان بولسا، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى جېيمىس ئۇتمىيەرمۇ سۇپىنىڭ خۇمار قىلىپ قويۇش، بىلىش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۆز جېنىغا قەست قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن «OpenAI» ۋە سام ئالتمان ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى.

«OpenAI» باياناتچىسى، كىرىزىس پەرقلەندۈرۈش سىستېمىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كونترول قىلىش مېخانىزملىرىغا ئوخشاش قوغداش تەدبىرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ يەنە بىر داڭلىق سۇپا «Character.AI» بولسا يانۋار ئېيىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئېچىلغان دەۋالاردا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل پېرسوناژلىرى بىلەن پاراڭلىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىشتاتلار قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

سۈنئىي ئەقىلنىڭ روھىي ساغلاملىق ساھەسىدىكى قوللىنىلىشىنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى ئىشتاتلىرى قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلاشقا باشلىدى.

كالىفورنىيە ۋە نيۇ-يورك ئىشتاتلىرى، پاراڭ بوتلىرىنىڭ ئۆز جېنىغا قەست قىلىش ياكى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش خىياللىرىنى كۈچەيتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى جىددىي ياردەم بېرىش لىنىيەلىرىگە يېتەكلەيدىغان قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلىدى.

ئىللىنوئىس ئىشتاتى بولسا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ داۋالاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان تېخىمۇ قاتتىق بىر قانۇننى ماقۇللىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى