خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا 51 ئورۇنغا ئېرىشتى. ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدىمۇ دېموكراتلار ھازىرچە ئالدىدا ماڭماقتا.
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
Election 2026 Michigan

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AP) نىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئورۇن تەقسىماتى ئاساسەن ئايدىڭلاشقان.

بۇ نەتىجىلەرگە قارىغاندا، دېموكراتلار 51 ئورۇنغا ئېرىشىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى ھېسابلانغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىق كونتروللۇقىنى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن تارتىپ ئالغان.

دېموكراتلار شىمالىي كارولىنا، جەنۇبىي كارولىنا، تېكساس، ئوخايو، كانزاس ۋە ئىئوۋا قاتارلىق ئىشتاتلاردىكى كېڭەش پالاتاسى ئورۇنلىرىنى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن تارتىۋېلىپ، ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇتۇققا ئېرىشكەن.

بۇ ئارقىلىق، 100 ئورۇنلۇق كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن دېموكراتلار، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا قارشى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىشتا يەنە بىر قېتىم مۇھىم ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا ھازىرغىچە دېموكراتلار 173، جۇمھۇرىيەتچىلەر 106 ئورۇنغا ئېرىشكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قولىدىكى 9 ئورۇنمۇ دېموكراتلارغا ئۆتۈپ كەتكەن.

مەلۇمكى، بىر پارتىيەنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى ئۈچۈن كەم دېگەندە 218 ئورۇنغا ئېرىشىشى شەرت.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى

ئامېرىكا خەلقى بۇ قېتىم ئىشتات باشلىقلىرى ۋە باشقا يەرلىك ۋەزىپىلەرگە، شۇنداقلا ئاۋام پالاتاسىدىكى جەمئىي 435 ئورۇننىڭ ھەممىسىگە ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 ئورۇننىڭ 35 ىگە بېلەت تاشلىدى.

ئامېرىكا سايلام تۈزۈمىدە، 435 ئەزالىق ئاۋام پالاتاسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قايتا سايلىنىدۇ. بۇ سايلاملارنىڭ بىرى پىرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلسا، يەنە بىرى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

100 ئەزالىق كېڭەش پالاتاسىدا بولسا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل بولغان كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم سايلام ئارقىلىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

شۇڭا، بىر پارتىيەنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى ئۈچۈن 218 ئورۇن كېرەك بولسا، كېڭەش پالاتاسىدا 51 ئورۇن كېرەك بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى
فەنەرباھچە كوماندىسى «ئەنگلىيە گىگانتى» لىۋېرپولنى يەڭدى
پاكىستان «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
خىتاي «ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار» ئىكەنلىكى ئۇچۇرىنى بەردى
بىر ۋارىل برېنت نېفىتى 103.96 دوللاردىن سېتىلماقتا
سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاتىسى گېئوففرېي ھىنتون: ئەسلا تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
تېھراندىكى ئىنقىلاب مەيدانىغا ترامپنى قەستلەش نىشان قىلىنغان پىلاكات ئېسىلدى
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى