سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇبىيو: ترامپ ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو ترامپنىڭ تەلەپ قىلىنغان ئەھۋالدا، ئەتە ئەلى خامەنېي بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇبىيو: ترامپ ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ
2026-يىلى 14-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى (MSC) جەريانىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ماركو رۇبىيو سۆز قىلماقتا. / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو شەنبە كۈنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «Bloomberg» خەۋەرلەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «پىرېزىدېنت تاللىشىنىڭ ئىران بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن، ئەمما ئۇ سىناپ كۆرىدۇ. بىزمۇ ھازىر دەل شۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇلۇس (مىللەت) دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن رۇبىيو: «ھەممەيلەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىستىكى بار بىر پىرېزىدېنتنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن. شۇنىڭغا كۈچلۈك ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي ئەتە پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتسا، پىرېزىدېنت ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ بۇنىڭ سەۋەبى ئايەتۇللاھ بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇنى دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى دەپ قارىغانلىقىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇبىيو ئوتتۇرا شەرققە ئىككىنچى بىر ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا «ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقى»نى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا، رايون ۋە دۇنياۋى بىخەتەرلىك ئۈچۈن جىددىي تەھدىت دەپ سۈپەتلىدى.

ئۇ يەنە: «رايوندا كۈچلىرىمىزنىڭ بولۇشىنى ئەلۋەتتە خالايمىز، چۈنكى ئىران ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ئىستىكى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى» دېدىى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى سايىسىدا ھەربىي بازىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ «ئىران ئۆتمۈشتە بىزگە ياكى بازىلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىش ۋە تەھدىت سېلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ «ئىراننىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئۈستىمىزگە كېلىشىنىڭ ۋە تېخىمۇ چوڭ بىر سۈركىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رايوندا يېتەرلىك ئوت كۈچىگە» ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ