ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن بىر پاراخوتتا ئۈچ فىرانسىيەلىك ساياھەتچى سۇغا غەرىق بولۇپ ئۆلدى

ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان ئومان سۇغا چۆكۈپ ساياھەت قىلىش پۇرسەتلىرى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

By
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن بىر پاراخوتتا ئۈچ فىرانسىيەلىك ساياھەتچى سۇغا غەرىق بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

ساقچى تەرەپنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئوماندا ئۈچ فىرانسىيەلىك ساياھەتچى ئۆزلىرى ئولتۇرغان پاراخوتنىڭ پايتەخت مەسقات دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە سۇغا غەرىق بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئومان خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى پاراخوتنىڭ ئومان قولتۇقىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، پاراخوتتا 25 فىرانسىيەلىك ساياھەتچى، بىر ساياھەت يېتەكچىسى ۋە بىر كاپىتاننىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۈچ ساياھەتچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ئىككىسىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساقچى تەرەپ قىسقا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، «ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا قارىتىلغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان ئومان سۇغا چۆكۈپ ساياھەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلمەكتە.