غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيەگە كىرىشىنى چەكلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى بۇ قارارنىڭ «كەمسىتىش» خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاكادېمىيەگە كىرىشنى توختىتىش قارارى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەنگلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيەگە كىرىشىنى چەكلىدى
ئەنگلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيەگە كىرىشىنى چەكلىدى / Reuters

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىسرائىلىيە ھەربىي خادىملىرىنى ئەڭ داڭلىق مۇداپىئە ئاكادېمىيەلىرىدىن بىرى بولغان خانلىق مۇداپىئە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلمايدىغان بولغان.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كېلەر يىلدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ، 1927-يىلىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ۋە ئەمەلدارلارنى تەربىيەلەپ كېلىۋاتقان بۇ ئىنستىتۇتقا كىرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قارار ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ۋىنستون چېرچىلنىڭ ھەربىي ۋە پۇقراۋى رەھبەرلەر ئارىسىدا خەلقئارالىق چۈشىنىشنى يېتىلدۈرۈش تەسەۋۋۇرى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئورگاندىن تۇنجى قېتىم رەسمىي چەكلەنگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ «خاتا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ بۇ ئىنستىتۇتقا كىرىشىنى توختىتىش قارارى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قارار ئىسرائىلىيەدە كەسكىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى. ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش دېرىكتورى ۋە شۇنداقلا بۇ ئىنستىتۇتنىڭ پۈتتۈرگۈچىسى بولغان ئامىر بارام، بۇ قارارنى «ئۇرۇش ھالىتىدىكى بىر ئىتتىپاقداشقا قىلىنغان ئىنتايىن نومۇسسىز ساداقەتسىزلىك ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.

بارام مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يوللىغان خېتىدە بۇ قارارنى «كەمسىتىش ھەرىكىتى» ۋە «بىرتانىيەنىڭ كەڭ قورساقلىق ۋە ساغلام ئەقىل ئەنئەنىسىدىن نومۇسلۇق دەرىجىدە چەتنەپ كېتىش» دەپ تەسۋىرلىدى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ تەخمىنەن 65 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، پۈتكۈل نوپۇسنى دېگۈدەك ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

 

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ