غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا ئۆتكەللىرىگە قويغان چەكلىمىلىرىنىڭ غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى / AA
2026-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە چېگرا ئېغىزلىرىدىكى چەكلىمىلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى ۋە يېقىلغۇ قىسچىلىقىنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندا ئاساسلىق مۇلازىمەتلەرنى توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچار قىلغانلىقىن ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنى مەنبە قىلغان ھالدا: «كەرەم ئەبۇ سالىمدىن باشقا بارلىق ئۆتكەللەرنىڭ يەنىلا تاقاقلىقىنى» ئېيتتى ۋە بۇ ئەھۋالنى ياردەم خادىملىرى دۇچ كېلىۋاتقان «نۇرغۇنلىغان ئۈزلۈكسىز قىيىنچىلىقلار» نىڭ پەقەت بىرى دەپ سۈپەتلىدى.

دۇجاررىك سەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان غەززەگە پەقەت 1 مىليون 400 مىڭ لىتىر يېقىلغۇ كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مۇلازىمەتلىرىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ياكى ئازايماسلىقى ئۈچۈن ھەر ھەپتە 2 مىليون لىتىردىن ئارتۇق يېقىلغۇغا ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.

ب د ت يەنە يېقىلغۇ كەمچىل بولۇشنىڭ رايون مىقياسىدا ئەخلەت تازىلاش خىزمەتلىرىگىمۇ توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. دۇجاررىك 10-فېۋرالدىن بۇيان ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ «يىغىلىپ قالغان 350 مىڭ مېتىر ئەخلەت ئىچىدىن 3000 كۇب مېتىر قاتتىق ئەخلەتنى تازىلىغانلىقىنى» بايان قىلدى. ئەمما يېقىلغۇ تەمىناتىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبلىك بۇ سۈرئەتنىڭ مۆلچەردىكى پىلاننىڭ خېلىلا ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاناھلىنىشقا قارىتىلغان پائالىيەتلەردىمۇ زور توسالغۇلارغا دۇچ كېلىنمەكتە. دۇجاررىك، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسۋاب-سايمانلار، ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر، ياغاچ ۋە سېمونتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قوش مەقسەتلىك» ماتېرىياللارغا قويغان چەكلىمىلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ غەززەگە «قوشۇمچە ئۆتكەللەرنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى» ۋە «تۈرلۈك ھالقىلىق ماتېرىياللارنىڭ ئۈزلۈكسىز ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان شەكىلدە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش» چاقىرىقىدا بولدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»