خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
ماكلېمورنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغان سۆزلىرى سەۋەبىدىن سەييارە ئويۇندىن چىقىرىۋېتىلىشى، ئېد شېراننىڭ ئامېرىكا سەييارە ئويۇنىدا كىرىزىس قوزغىدى.
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى / AP

فىلادېلفىيەدىكى كونسېرتتىن بۇرۇن پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

پوپ چولپىنى ئېد شېراننىڭ ئامېرىكا سەييارە ئويۇنى، ئېچىلىش سەنئەتكارى ماكلېمورنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغان قاراشلىرى سەۋەبىدىن پىروگراممىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن مۇنازىرىلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.

شېراننىڭ فىلادېلفىيەدىكى كونسېرتىدىن بۇرۇن لىنكولىن مالىيە مەيدانىنىڭ ئالدىدا جەم بولغان پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار، پەلەستىن بايراقى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە «پەلەستىنگە ئازادلىق» شوئارلىرىنى توۋلىدى.

رېپچى ماكلېمور يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا سەھنىدە «پەلەستىنگە ئازادلىق» دېگەن شوئارنى توۋلىغاندىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى «Loop Tour» سەييارە ئويۇن گۇرۇپپىسىدىن چىقىرىۋېتىلدى. بۇ قارارنىڭ، مىلياردېر روبېرت كرافت باشچىلىقىدىكى زال ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

35  ياشلىق شېران بولسا ماكلېمورنىڭ سەييارە ئويۇندىن چىقىرىۋېتىلىش قارارىدا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق رولىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ سەييارە ئويۇن ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Lewis Hamilton backs Macklemore after Ed Sheeran tour removal over Palestine remarks

بايقۇت چاقىرىقلىرى

پەلەستىن ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ئاكادېمىك ۋە مەدەنىيەت بايقۇتى ھەرىكىتى شەنبە كۈنى ئېد شېرانغا قاراتقان بايقۇت چاقىرىقىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

PACBI  نىڭ باياناتىدا، شېراننىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان لاتىن ئامېرىكا كونسېرتلىرى بىلەن تېخى ئېلان قىلىنمىغان ياۋروپا بېكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا سەييارە ئويۇنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

بۇ مۇنازىرە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغاندىن بۇيان، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى سەنئەتكارلار ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئۈستىدىكى بېسىم ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 174 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى