8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندىدۇنيا ئېتنو-تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى.
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى

تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) ئالاقە ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان ۋە بۇ يىل 21-مايدىن 24-مايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرامنىڭ ئېچىلىشى، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلغان «خان چېدىرى» ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ «گۈلبانگ» ئەنئەنىسىگە ئەگىشىپ كۆرسەتكەن نومۇرلىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇل تارىخىي تۈرك مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ «مەھتەران» ئەترىتى سەھنىگە چىقتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئېتنو-تەنھەرىكەت كۆنفېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان، بايرام داۋامىدا مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە ياشىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زىيارەتچىلەرگە سالام بەرگەن ئەردوغان، بايرام داۋامىدا چېلىشىش ۋە ئاتلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، بايرام دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە بالىلار ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يىل يەنە بۇ يەردە ئۇدا 4 كۈن مەدەنىيىتىمىزنىڭ بايلىقلىرىنى بىرلىكتە ھېس قىلىمىز. بالىلىرىمىز، چوڭلىرىمىز بىلەن ئائىلە بويىچە بىرلىكتە ئەنئەنىنىڭ پۇرىقى ۋە ھاۋاسىدىن بەھرىمەن بولىمىز ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمان سەنئەتكارلار، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە مەدەنىيەت ئەھلىلىرىنى بۇ يەردە بىرلىكتە كۈتۈۋالىمىز. بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەن بالىلار مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، تەسىرلىنىدۇ.»

ئىستانبۇلنىڭ خەلقئارالىق ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن بىلال ئەردوغان، سۆزىدىن كېيىن بالىلار بىلەن بىرلىكتە لېنتا كېسىپ، بايرامنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»