سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، موسكۋا كىيېۋنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ترامپ: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى
US President Trump meets Ukrainian President Zelenskiy in Florida. / Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يانۋار ئېيىدا ۋاشىنگتوندا ئۇكرائىنالىق ۋە باشقا ياۋروپالىق رەھبەرلەرنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كېيىن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا قارىتا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ: «مەسىلىلەرنىڭ 95 پىرسەنتىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. قانچە پىرسەنت ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈردۇق؛ بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ پاجىئەلىك ئۇرۇش، بەلكىم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش» دېدى.

ترامپ مۇخبىرلارغا: «ئەگەر ئىشلار ھەقىقەتەن ئوڭۇشلۇق بولسا، بەلكىم بىرنەچچە ھەپتە داۋاملىشىدۇ، يامان بولسا تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى يەنە، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا بىر ياكى ئىككى «ئىنتايىن مۈشكۈل مەسىلە» قالغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ توقۇنۇش جەريانىدا ئاللىقاچان قولغا چۈشۈرۈلگەن زېمىنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە موسكۋانىڭ «ئېنېرگىيە، توك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىنتايىن تۆۋەن باھادا تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا» ياردەم قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ ئاخىرقى تىنچلىق پىلانىدا ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇكرائىنا پارلامېنتىغا خىتاب قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتىمەن، ئەمما ئايدا 25 مىڭ ھاياتنى قۇتقۇزۇشقا ياردىمى بولسا، ياكى قانداق بەدەل تۆلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن بۇنى قىلىشقا قەتئىي رازىمەن» دېدى.

زېلېنىسكىي

زېلېنىسكىي ترامپ ۋە ياۋروپالىق رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن، «مۇزاكىرە قىلىنغان بارلىق مەسىلىلەرنى نەتىجىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆمەكلىرىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە بىر يەرگە جەم بولۇشى توغرىسىدا كېلىشتۇق» دېدى.

ئۇ يەنە ترامپنىڭ يانۋار ئېيىدا ۋاشىنگتوندا ئۇكرائىنالىق ۋە باشقا ياۋروپالىق رەھبەرلەرنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ زېلېنىسكىينى تەخمىنەن تۆت يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن فلورىدا شىتاتىنىڭ پالم بىچ (Palm Beach) تىكى «Mar-a-Lago» تۇرالغۇسىدا كۈتۈۋالدى.

زېلېنىسكىي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چېگرا قوشنىسى كانادادىكى زىيارىتىدىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا يېتىپ كەلدى.

بۇ ئارىلىقتا، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى كىرىل دىمىترىيېۋ دۇنيانىڭ ترامپنىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ چەت ئەل دۆلەتلىرى بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى دىمىترىيېۋ، «X» تە يازغان ئۇچۇرىدا: «پۈتۈن دۇنيا پىرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۆمىكىنىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى