ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ لازقىيە ۋە تارتۇس ۋىلايەتلىرىدىكى نۇرغۇن ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى / TRT Uyghur

سۈرىيە ئايروپىلان كۆزىتىش ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ غەربىدىكى لازقىيە ۋە تارتۇستا، 32-ھاۋا مۇداپىئە پولكى، 107-قوماندانلىق ئىشتابىنى، ھەمدە خىرەيسۇن، خاراب، مىسەرھىن ۋە بەللۇتىييە يېزىلىرىدىكى ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابلىرى ۋە ئوق-دورا ئامبارلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

تارتۇستىكى خىرەيسۇن يېزىسىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قاتتىق پارتلاشلار يۈز بەرگەن.

ئىسرائىلىيە 8-دېكابىردا بەئىس ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، سۈرىيەدە ھەربىي ئىمكانىيەتلەرنى يوق قىلىش مەقسىتىدە يۈزلىگەن ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.