غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: غەززەدە يامغۇر سەۋەبىدىن، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەگە تەجرىبىخانا رېئاكتىۋلىرى ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى يەتكۈزۈشتە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: غەززەدە  يامغۇر سەۋەبىدىن، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: غەززەدە يامغۇر سەۋەبىدىن، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى / AA

نۇرغۇن ماتېرىياللارنىڭ «قوش مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات» دېگەن باھانە سەۋەبىدىن غەززەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باشلىقى غەززەدە ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ئاز دېگەندە 10 كىشىنىڭ كۈچلۈك يامغۇر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ماكانىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان پەلەستىنلىك ئائىلىلەرنىڭ قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىغا قارشى قوغداش ئىقتادارى ئىنتايىن تۆۋەن چېدىرلاردا پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باشلىقى تېدروس ئادھانوم گېبرېيەسۇس شەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىدا، ئوچۇقچىلىقتا قېلىش، يېتەرلىك سۇ ۋە تازىلىقنىڭ بولماسلىقى بىلەن زىيادە قىستا-قىستاڭچىلىق تۇرمۇش شارائىتىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، تارقىلىشچان زۇكامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي نەپەس يولى يۇقۇملىنىشلىرىدا، شۇنداقلا جىگەر ياللۇغى ۋە ئىچ سۈرۈش كېسەللىكلىرىدە كۆپىيىش كۆرۈلۈشى ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ غەززەگە تەجرىبىخانا رېئاكتىۋلىرى ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى يەتكۈزۈشتە توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە نۇرغۇن ماتېرىياللارنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن «قوش مەقسەتتە ئىشلىتىلىدۇ» دەپ ئايرىلغاندىن كېيىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېدروس بۇ ئاساسلىق ماتېرىياللارنىڭ كىرىشىگە جىددىي رۇخسەت قىلىنىشىنى چاقىرىق قىلىپ، بۇلارنىڭ رايوندا كېسەللىك يۇقۇمىنى ۋاقتىدا بايقاش، ئارىلىشىش ۋە داۋالاش جەھەتتىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 70 مىڭ 300 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 171 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى؛ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىگە قارىماي داۋاملاشتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىر كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئاياق ئاستى قىلىپ ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا ئاز دېگەندە 386 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 1018 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى