ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيە رايونلۇق ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئالجىرىيەگە قىلغان رەسمىي زىيارىتى داۋامىدا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن، رايونلۇق مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيە رايونلۇق ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ
Hakan Fidan in Algeria / AA

فىدان ئالجىرىيە زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيەنىڭ بولۇپمۇ رايونلۇق دىپلوماتىيە، سودا ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، دۈشەنبە كۈنى ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىككى تەرەپلىك رايونلۇق مەسىلىلەردە مەسلىھەتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

فىدان غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۇنياۋى مەسىلىلەردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

غەززە ۋە پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش مەسىلىسىدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسى ئورتاق

مىنىستىر فىدان غەززەدىكى ۋەزىيەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى، ھەمدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پەلەستىننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھازىرقى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىمىز غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقاا ئاشۇرۇشتۇر.

تۈركىيە قېرىنداش پەلەستىن خەلقىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئالجىرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا پەلەستىن دەۋاسىنى قوغداۋاتقانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى كۈنتەرتىپتە

فىدان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى تەببۇننىڭ بۇ يىل تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىپ، كېلەر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىدان تەببۇن رەھبەرلىكىدىكى ئالجىرىيەنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە رايونلۇق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئالجىرىيە ئۆزىگە خاس كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ رايوندىكى مۇقىملىقنىڭ كاپالەتچىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئالجىرىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى سۈپىتىە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىمۇ خۇرسەنلىك بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، ئالجىرىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم ئۆزگىرىشلەردە مۇھىم رول ئويناش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى ئۆزئارا ئىشەنچ

فىدان تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ھەر مەسىلىدە ئالجىرىيەگە ئىشىنىمىز. تۈركىيەمۇ ھەمىشە ئالجىرىيە ئۈچۈن ئىشەنچلىك دوست بولىدۇ.»

ئۇ، ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئەتتاف ۋە پىرېزىدېنت تەببۇن بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلىرىنىڭ ھەمكارلىق مەسىلىسىدە ئالجىرىيە تەرەپتنىڭمۇ ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش

دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق پىلانلاش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى سودا، قاتناش، سەھىيە ۋە كۆچمەنلىك ساھەلىرىدىكى پۇرسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. فىدان ئىككى تەرەپلىك سودا ھەجمنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە 1000 دىن ئارتۇق تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئالجىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش نىشان قىلىنغان كېلىشىملەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.»

فىدان ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىنى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم يۆنىلىشلىرى دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى:

«ئالجىرىيە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە مۇھىم ھەمراھلىرىمىزدىن بىرى. بۇ ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. دەرۋەقە، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىقىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى