سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھاكىمىيىتى مېين ئىشتاتىدا كۆچمەنلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى
مۇساپىر مىللەتلەر توپلىشىپ ياشايدىغان مېين ئىشتاتىغا 100 دىن ئارتۇق فېدېراتسىيە خادىمى ئەۋەتىلدى.
ترامپ ھاكىمىيىتى مېين ئىشتاتىدا كۆچمەنلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى
ترامپ ھاكىمىيىتى مېين ئىشتاتىدا كۆچمەنلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى / Reuters

دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى سومالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلار توپلىشىپ ياشايدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مېين ئىشتاتىدا كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

دائىرىلەر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان كۆچمەنلەرنى نازارەت قىلىش بېسىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مۇشۇ ھەپتە 100 دىن ئارتۇق فېدېراتسىيە خادىمىنىڭ مەزكۇر شەرقىي شىمال ئىشتاتىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. دائىرىلەرنىڭ بىرى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ مۇساپىرلار بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مېين ئىشتاتىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى ۋە كۆچمەن مىللەتلەر ئالدىنقى ھەپتە قوشۇمچە كۆچمەنلەر خادىملىرىنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى. مېين ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى، دېموكرات جانېت مىللس ئالدىنقى ھەپتە ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىشتاتتا «قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.

ترامپ 2025-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان دېموكراتلار باشقۇرۇۋاتقان شەھەر ۋە ئىشتاتلاردا كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان تەدبىرلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە، ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ كۆچمەنلەرگە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بېسىم ئىشلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى دائىرىسىدە، تەخمىنەن 3 مىڭ فېدېراتسىيە خادىمى مىننېسوتا ئىشتاتىغا ئەۋەتىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ