ئەردوغان: تۈركىيە «قايتا شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپى» دە مەركىزىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خۇددىي سۈرىيەدەك، بىز پىداكارلىقلىرىمىز ۋە تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا تارىخ ۋە ۋىجداننىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرغانلىقىمىزنىڭ مېۋىسىنى يىغىدىغان يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدۇق» دېدى.
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ يولى ۋە تەقدىرى پارلاق، يېڭى پۇرسەتلەر ۋە كۈتۈلمىگەن ئىمكانىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دېدى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپىدىكى مەركىزىي قۇتۇپلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان پەيشەنبە (2026-يىلى 22-يانۋار) كۈنى تۈركىيە كارخانىچىلار ۋە سودا-سانائەتچىلەر كونفېدېراتسىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا: «خۇددىي سۈرىيەدەك، بىز پىداكارلىقلىرىمىز ۋە تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا تارىخ ۋە ۋىجداننىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرغانلىقىمىزنىڭ مېۋىسىنى يىغىدىغان يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدۇق» دېدى.
ئۇ يەنە: «دۇنيا ئاستا-ئاستا بىز ئېيتىپ كەلگەن نۇقتىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان يەر شارى سىياسىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىدلىرىمىزنىڭ توغرىلىقى بۈگۈن روشەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ يولى ۋە تەقدىرىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، يېڭى ئىشىكلەرنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى، يېڭى پۇرسەتلەر ۋە مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «بىز داستانلىرىمىز يادلىنىدىغان، مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز دوست ۋە دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئوخشاشلا تىلغا ئېلىنىدىغان، ئاخىرىدا بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان پۈتۈنلەي يېڭى بىر سەپەرگە ئاتلاندۇق.»
ئۇ كارخانىچىلار ۋە سودا-سانائەتچىلەرنى كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ كىرىزىس، قالايمىقانچىلىق، مالىمانچىلىق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا پېتىپ قېلىشىنى كۈتۈۋاتقان ئىقتىسادشۇناسلارغا پىسەنت قىلماسلىققا چاقىردى.
ئۇ: «بىز ئىقتىسادىي سۇيىقەستچىلەر پەرەز سۈپىتىدە بازارغا سالغان قارا سېنارىيەلەرگە ئىشەنمەيمىز» دېدى.
گىرېنلاند مەسىلىسىدىكى ۋاسىتىچىلىق رولى
بىر ئامېرىكالىق تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى گىرېنلاند سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
برۇكىڭز ئىنىستىتۇتى (Brookings Institution) تاشقى سىياسەت پىروگراممىسى قارمىقىدىكى ستروب تالبوت بىخەتەرلىك، ئىستراتېگىيە ۋە تېخنىكا مەركىزى (Strobe Talbott) نىڭ مۇتەخەسسىسى فىلىپ گوردون (PhilipGordon) چارشەنبە كۈنى ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋەتلىرى بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيەنىڭ ئورنىنىڭ ئۇنىڭغا مۇھىم بىر سۆز ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «بولۇپمۇ، ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋەتلىرى ناچارلىشىۋاتقان بىر پەيتتە — ئەپسۇسكى شۇنداق بولۇۋاتىدۇ — تۈركىيە بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇھىم بىر سۆز ھوقۇقىغا ئىگە» دېدى.
فىلىپ گوردون ئىلگىرى ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا خاررېسنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى، شۇنداقلا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە ھەر دائىم ئىجابىي سۆزلەرنى قىلغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.