خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
رۇسىيە دۆلەتلىك يادرو ئېنېرگىيە ئورگىنى روسئاتوم (Rosatom) نىڭ باش مۇدىرى ئالېكسېي لىخاچېۋ، رۇس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»

لىخاچېۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسدىكى خىزمەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

بوشېھريادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا مۇتەخەسسىسلەرنى قايتا ئەۋەتىش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن لىخاچېۋ: «ئىنژېنېرلىق ۋە تېخنىكىلىق خادىملاردىن دەسلەپكى 5 كىشى رايونغا يېتىپ باردى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە باشلىدى» دېدى.

لىخاچېۋ، ئىستانسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانىنىڭ 25 كە يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ساننى 100 گە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلگىرى ئىراندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئىمكان قەدەر ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا ئەۋەتىشنى نىشانلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان لىخاچېۋ، خادىملار سانىنىڭ ئىلگىرىكى سەۋىيەسىگە تولۇق يەتكۈزۈلىشىنىڭ بولسا ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ۋە ئىران بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىملەرنىڭ ئېنىقلىشىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسدا رۇسىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن قۇرۇلۇۋاتقان 2 - ۋە 3-نومۇرلۇق يېڭى ئېنېرگىيە بۆلۈملىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن لىخاچېۋ، ئاساسىي ۋە ياردەمچى بىنالارنىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

روسئاتوم ھەربىي خەۋپلەر سەۋەبىدىن بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملىرىنى كوللىكتىپ ھالدا ئەرمېنىيە ئارقىلىق ئىراندىن  تارقاقلاشتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى ئىستانسىدا 639 نەپەر روسئاتوم خادىمى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى