ئامېرىكا: تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا: تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدىبىر ئامېرىكا ئەمەلدارى تۈركىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا: تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى / AP
2026-يىلى1-ئاينىڭ15-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە قايتا قۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئامېرىكانىڭ بىر ئەمەلدارى ئەنقەرەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئۆتۈشى بىلەن تەڭ، تۈركىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

 غەززە ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەن ئامېرىكانىڭ ئىككى ئەمەلدارىدىن بىرى بولغان ۋە ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:

 «پىرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭ ئۈچۈن چىن دىلىدىن مىننەتدار.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ ھەممىسى بۇ مۇساپىگە قاتناشتى ۋە بىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ بۇ باسقۇچقا قاتنىشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ترامپ ھاكىمىيىتى تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشىنى كۆرۈشنى خالايددۇ. ۋاشىنگتون مۇشۇنداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدۇ.»

بۇ باياناتلار، ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، بۇ باسقۇچتا قورالسىزلاندۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە قايتا قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن بېرىلدى.

ۋىتكوف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچى باسقۇچ، غەززەدە ۋاقىتلىق تېخنىك خادىملاردىن تەشكىل تاپقان پەلەستىن باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولغان غەززە باشقۇرۇش دۆلەتلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، غەززەنىڭ تولۇق قورالسىزلاندۇرۇلىشىنى ۋە قايتا قۇرۇلۇشىنى، شۇنداقلا بارلىق ھوقۇق بېرىلمىگەن خادىملارنى قورالسىزلاندۇرۇشنىڭ باشلىنىشىنى نىشان قىلىدۇ.»

ۋىتكوف ئامېرىكانىڭ ھاماستىن كېلىشىم دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى، جۈملىدىن «ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەڭ ئاخىرقى تۇتقۇننىڭ مېيىتىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىش» نى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلماسلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن بىرى، ئىككىنچى باسقۇچنىڭ باشلىنىشىنىڭ بۇ مۇساپىدە ھالقىلىق بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى غەززەنى قايتا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى پىلانىمىز بار. كېيىنكى باسقۇچ پەلەستىن زېمىنى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان