جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 75 يىلىنى تولدۇرغاندا، شى جىنپىڭ ئىچكى -تاشقى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىشى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن دىققىتىنى مىللەتچىلىككە مەركەزلەشتۈرۈشى، زۆرۈر بولغان ئىچكى ئىسلاھاتلارغا كۆلەڭگە تاشلىشى مۇمكىن.
00:00
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 75 يىلىنى تولدۇرغاندا، شى جىنپىڭ ئىچكى -تاشقى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە
خىتاي ئىقتىسادى / AA
2024-يىلى11-ئاينىڭ27-كۈنى

خىتاي يېقىندا بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك ۋە داغدۇغىلىق ئەمەس ئىدى.

بۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىدا قىيىن كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇراسىمدا، دۆلەت مېھمانلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە سۆز قىلىپ، ئۆتكەن 75 يىلدا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى ھەمدە ھېچقانداق كۈچنىڭ بۇ تەرەققىياتنى توسالمايدىغانلىقىنى قەتىي تەكىتلىدى.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ كۆز ئالدىدىكى «قىيىنچىلىقلار»، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تەھدىتلەر ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇردى. مەسىلەن، تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆسۈشى، قېرىغان نوپۇسنىڭ ئېشىشى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن بىلەن بولغان زىددىيەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تارىخىي مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ۋە داۋاملىق چارە-تەدبىرلەر زۆرۈر. ئەمما، شىنىڭ ئىستراتېگىيەسى كۆپىنچە خىتاي مىللەتچىلىكىگە تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇ تەيۋەننى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن قايتا بىرلەشتۈرۈشنى، خۇڭكوڭ بىلەن ماكاۋدىكى «ۋەتەنداشلار» بىلەن بىرلىكتە خىتاي مىللىتىنى قايتا كۈچلەندۈرۈشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، خەلقنى دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى دۇنيادىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.

بېيجىڭنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، مىللەتچىلىك رېتورىكىسىغا تايىنىش، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، خەلقئارا بازاردىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا جىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

كۆز ئالدىدىكى خىرىسلار

خىتاي بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرى. ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (COVID-19)  ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئوخشاش كىرىزىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇردى. ئەمما، ئۇزۇن يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشتىن كېيىن، بىر قاتار مەسىلىلەر تەڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈپ، تەرەققىياتى ئاستىلاشقا باشلىدى.

بۇ مەسىلىلەرگە 2021-يىلىدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كىرىزىسقا پېتىشى، قېرى نوپۇس نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى قاتارلىقلار قوشۇلدى.

شىنىڭ ئالدىدىكى بىرىنچى مەسىلە، خەلقنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش بولۇپ، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىنى ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئېشىشقا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر سىياسەتلەرنى قايتا تەڭشەش ناھايىتى مۇھىم.

بۇ شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىلى ھەددىدىن زىيادە قەرز ئېلىشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان قاتتىق مالىيە بەلگىلىمىلىرىنى بىكار قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىرىنچىدىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈك ماگناتى Evergrande گۇرۇھى 2021-يىلى توختامغا خىلاپلىق قىلدى. قۇرۇلۇش كەسپى خەلقئارادا ئېشىش مۆلچەرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ  دۆلەت ئىچىدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چقاردى.

ئىككىنچىدىن، 2024-يىلى خىتاي ياشلىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى ئۇچۇر-ئالاقە ۋە پۇل-مۇئامىلە سېكتورلىرىدا چوڭ كۈچكە ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىش ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي تۇغۇت نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، 2021-يىلى يولغا قويۇلغان «ئۈچ بالا سىياسىتى» نىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى بولمىدى. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ يېزىلىرىدا تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئۇنىۋېرسال مائارىپتىن بەھرىمان بولالماسلىق ۋە نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىغا بولغان چەكلىمىلەر قاتارلىقلار دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قوشۇلۇپ، بۇ سىياسەتنى كەينىگە چېكىندۈردى.

بۇ سىياسەت ئالاھىدە قېتىنقۇلاق رايونلىرىدا، تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆسۈشى، ئومۇمىي مەكتەپ مەبلەغلىرىنىڭ يوقلۇقى ۋە ھەرىكەت چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن يامان تەسىر كۆرسەتمەكتە.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى فىلىپپىن بىلەن بولغان جىددىيەتلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بەرمەيدۇ. بۇ رايون جۇڭگونىڭ 2024-يىلدىكى ئومۇمىي سودىسىنىڭ 64% نى تەشكىل قىلىدۇ.

شىنىڭ بۇ رايوندىكى تەلەپلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا مۇقىملىقىنى ساقلاش ئارزۇسى بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ.

جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، شىنىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قاراتقان ستراتېگىيەلىك كۆرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى                                                                                                    

فىلىپپىن بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىرلارمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە.

2024-يىلى خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى دېڭىز سودىسى ئومۇمىي سودىسىنىڭ %64 ىدىن ئارتۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر  بۇمۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، شۇنداقلا فىلىپپىننىڭ رايوننى كەسكىن ھەربىيلەشتۈرۈشى سەۋەبىدىن جىددىي خەۋپ ئاستىدا.

بۇلار شى جىنپىڭنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، خىتاي ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئۆزى ئىگىلىك  ھوقۇقلۇق دەپ دەۋا قىلىدىغان رايونلار توغرىسىدا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆسۈۋاتقان ئىچكى ئىقتىسادىي ئەندىشىلەر ئاستىدا سودا مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كۆزلەيدۇ.

بۇ ئىككى مەسىلە بىر-بىرى بىلەن ماسلاشمايدۇ.

خىتاي ئىلگىرى فىلىپپىن بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقى راست بولسىمۇ، شى جىنپىڭ ئاۋازىنى تۆۋەنلىتىشى زۆرۈر. پەقەت شۇ چاغدىلا ئۆزئارا چۈشەنمەسلىكلەر دىپلوماتىيەلىك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھەل قىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ.

دۇنياۋى  رىقابەت

ئەگەر شى جىنپىڭ ئىقتىسادنى قوللاپ كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا داۋاملىق ھەيۋە كۆرسىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويسا، خەلقئارالىق جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە ئائىت دۆلەت دەرىجىلىك بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتمەسلىك خەلقئارا سودىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئوخشاشلا، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقىنى ھەل قىلماسلىقمۇ خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

نوپۇسنىڭ تۆۋەن كىرىملىك سەۋىيەسى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئازلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ بېيجىڭنىڭ سودا شېرىكلىرى ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشتەك سالاھىيىتىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن، شى ھۆكۈمىتى چوقۇم نۆۋەتتىكى ئىچكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيەلىك كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

ئىزدىنىڭ
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى