ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە (2026-يىلى 30-يانۋار) كۈنى مەركىزىي بانكاسى مۇدىرىيىتىنىڭ سابىق ئەزاسى كېۋىن ۋارش (Kevin Warsh) نى نامزاتلىققا كۆرسەتتى.
ترامپ ئۆزىنىڭ Truth Social بېتىدە مۇنداق يازدى: «مەن كېۋىننى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى تونۇيمەن، ئۇنىڭ تارىختىكى ئەڭ قالتىس ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى باشلىقلىرىنىڭ بىرى، بەلكىم ئەڭ ياخشىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا قىلچە شۈبھەم يوق. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ بۇ رولغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئادەم، ئۇ سىزنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ.»
ۋارش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى (يۇقىرى ئۆسۈمنى قوللىغۇچى) دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېقىندا قاراشلىرىنى ترامپ دائىرىلىرىنىڭ ئۆسۈمنى كۈچلۈك تۆۋەنلىتىش سىياسىتى بىلەن ماسلاشتۇردى.
ترامپ بۇ باياناتنى ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ ھازىرقى باشلىقى جېروم پوۋېلنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ ھەپتە ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي مۇقىم ساقلاپ قېلىش قارارىدىن كېيىن ئېلان قىلدى. ترامپ پوۋېلنى يەنە بىر قېتىم «ئەخمەق» دېدى.
ئايلاپ داۋاملاشقان بۇ شەخسىي ھۇجۇملار، مەبلەغ سالغۇچىلاردا «ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ مۇستەقىللىقى خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دەيدىغان ئەندىشەلەرنى پەيدا قىلدى، بۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئۈچۈن پۇل پاخاللىقى خەۋپىنى ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
پوۋېلنىڭ ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈشى
ۋارش رىقابەتتە باشقا ئۈچ كۈچلۈك نامزات-ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى كىرىستوفېر ۋاللېر (Christopher Waller)، مەبلەغ سېلىش ماگناتى بلەك روك (BlackRock) نىڭ خادىمى رىك رىدېر (Rick Rieder) ۋە ترامپنىڭ باش ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى كېۋىن خاسسېت (Kevin Hassett) نى ئارقىدا قالدۇردى.
2006-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋارش، ئىلگىرى Morgan Stanley بانكاسىدا شىركەتلەرنى قوشۇۋېلىش ۋە سېتىۋېلىش مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇ 2022-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە سابىق پىرېزىدېنت كىچىك جورج بۇش (George W. Bush) ھۆكۈمىتىدە ئاقساراينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەت مەسلىھەتچىسى بولغان، ئاندىن ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى مۇدىرىيىتىگە ۋەزىپىگە قويۇلغان.
ترامپ ئۆزىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ۋارشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا پوۋېلنى تاللىغان ئىدى. پوۋېلنىڭ ئىناۋىتى بۇ ئاي ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چاقىرىق قەغىزى چىقىرىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەش بىلەن تەھدىت سېلىشى بىلەن تېخىمۇ چۈشۈپ كەتتى. بۇ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەرىكەت بولۇپ، ترامپنىڭ مەركىزىي بانكاغا قارشى ھەرىكىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكى دەپ قارالماقتا.
تەۋسىيە




















