سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ب د ت نىڭ قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يەنىلا رەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە
ئامېرىكانىڭ تەكلىپ لايىھەسىدە 7-باب ماددىسى چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ،ئىرانغا قارىتا يەنىلا قاتتىق مەيدان ساقلاپ قېلىنغان.دىپلوماتلار خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
ئامېرىكا ب د ت نىڭ قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يەنىلا رەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسىگە قاچان بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. [ئارخىپ سۈرەت، ئا پ] / AP

دىپلوماتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتون ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى ھۇجۇملىرىنى ۋە مىنا قويۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ب د ت قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن، ئەمما بۇنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ توسقۇنلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ناتايىن ئىكەن.

پەيشەنبە (2026-يىلى 7-ماي) كۈنى چۈشتىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا سۇنۇلغان ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن ئامېرىكانىڭ تۈزىتىش كىرگۈزگەن تەكلىپ لايىھەدە، ب د ت نىزامنامەسىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە جازا يۈرگۈزۈشتىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقىچە بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقى بېرىدىغان «7-باب» تىلغا ئېلىنغان ماددا چىقىرىۋېتىلگەن.

شۇنداقتىمۇ، لايىھەدە يەنىلا بىر ماددا ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەگەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىسا، كېڭەشنىڭ «شۇ رايوندىكى پاراخوتلارنىڭ ئەركىن قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جازا تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قايتا جەم بولىدىغانلىقى» كۆرسىتىلگەن.

كېڭەشنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسىنى قاچان ئاۋازغا قويىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

گەرچە تەكلىپ لايىھەسىدە كۈچ ئىشلىتىشكە ئېنىق ھوقۇق بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئېھتىماللىق يوققا چىقىرىلمىغان، ھەمدە «ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پاراخوتلىرىنى ھۇجۇم ۋە تەھدىتلەردىن، جۈملىدىن كېمە قاتنىشى ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلاردىن قوغداش ھوقۇقى» قايتا تەكىتلەنگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Washington expects Iran response to US proposal on Friday: Rubio

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى

ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا قوللىغان ۋە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا يول ئاچىدىغاندەك بىلىنىدىغان تەكلىپ لايىھە 15 ئەزاغا ئىگە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رەت قىلىشى سەۋەبىدىن كۈچكە ئىگە بولمىغان ئىدى.

دىپلوماتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن بەھرەين تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە بۇ ھەپتە كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان نۆۋەتتىكى تەكلىپ لايىھەنىڭ ئەسلى نۇسخىسىمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

ب د ت دىكى بىر دىپلوماتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئالدىنقى ئايدىكى قارارغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ «7-باب» قا ئائىت مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېڭى لايىھە يەنىلا خىتاي بىلەن رۇسىيە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغان.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يېڭى لايىھەگە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، رۇسىيە ۋەكىلى بولسا دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

 رۇسىيە ۋەكىلى پەيشەنبە (7-ماي) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ يېڭىدىن كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، بىر تەرەپلىمە ۋە توقۇنۇش خاراكتېرلىك قارار لايىھەلىرىنى زورلاپ ماقۇللىتىش» تىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە: «دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، 7-ئاپرېل كۈنى رۇسىيە خىتاي بىلەن بىرلىكتە ھورمۇز بوغۇزى ۋەزىيىتىگە ئائىت قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇپ قالدى» دەپ كۆرسىتىلدى.

سەيشەنبە (5-ماي) كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارار لايىھەسىنى ب د ت ئۈچۈن سىناق دەپ ئاتىغان ھەمدە خىتاي بىلەن رۇسىيەنى توسقۇنلۇق قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

28-فېۋرال ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان، رايون ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە كەسكىنلەشتى. بۇ ۋەزىيەت ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ۋە ئامېرىكا بازىلىرى جايلاشقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىشىغا سەۋەب بولدى ۋە شۇنداقلا ھورمۇز بوغۇزى تاقالدى.

پاكىستاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 8-ئاپرېل (2026) كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولدى، ئەمما ئىسلامئابادتىكى سۆھبەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. كېيىنچە پىرېزىدېنت ترامپ ئۇرۇش توختىتىشنى مۆھلەتسىز ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا 13-ئاپرېل (2026) دىن باشلاپ ھورمۇز بوغۇزىدا ئىراننىڭ دېڭىز قاتنىشىنى نىشان قىلغان دېڭىز مۇھاسىرىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق
موسكۋاغا 650 ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات بىلەن ھۇجۇم قىلىندى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
پۇتىن: رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا بارلىق قوراللار ئىشلىتىلىدۇ
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
تەيۋەن: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ باردى
ئىران: ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ
ترامپ ئىراننىڭ ئاخىرىدا «ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى