تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (ت د ت) نىڭ غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايروپىلان (ئارخىپ) / TRT Balkan

رەسمىي زىيارەت بىلەن 13-ماي قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەگە بارغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئالاقىدار ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈنۈگۈن مۇستەقىللىق سارىيىدا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەن ئەردوغان، تۈركىيە - قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىككى رەھبەر، ئارقىدىن تۈركىيە - قازاقىستان سودا مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

ئاستانەدە تۇرۇۋاتقان ئەردوغان بۈگۈن ئەتىگەندە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاستانىدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن قازاقىستان باش مىنىستىرى ئولجاس بەكتېنوف، تۈركىيەنىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مۇستافا كاپۇجۇ ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملار ئۇزىتىپ قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىللە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ھەيئەتمۇ تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ