ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا
خەلقئارا غەززە قورشاۋىنى بۇزۇش كومىتېتى ئىسرائىلىيەنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۆزلىرىگە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا / Reuters Archive

بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر غەززەگە قاراپ يولغا چىققان يەر شارى «سۇمۇد» ياردەم فىلوتىنىڭ مىسىرنىڭ ئاقدېڭىز قىرغىقىدىكى مارسا ماتروھنىڭ شىمالىغا يېتىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەلقئارا غەززە قورشاۋىنى بۇزۇش كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىلوتنىڭ بىرنەچچە سائەت ئىچىدە ئىسكەندىرىيە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىقىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز غەززەگە يېقىنلاشقانسېرى، زىيونىستلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا بىزگە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېيىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا،  يەر شارى «سۇمۇد» فىلوتى مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى:

«بىزنىڭ ئالدىنقى پاراخوتلىرىمىز OHWAYLA ۋە ALL IN ھازىر غەززەدىن 678 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، تەخمىنەن 3 - 4 كۈن ئىچىدە غەززەدە يېتىپ بارالايدۇ. فىلوتىمىزغا قاراپ يولغا چىققان ئىككى يېڭى پاراخوتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پاراخوتلارنىڭ سانى 44 كە يەتتى.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى كۈن ئىچىدە فىلوت ناھايىتى خەتەرلىك رايونغا كىرىدۇ. بىزنىڭ ئىرادىمىز قەتئىي، لېكىن ھازىر دەل يەر شارى خاراكتېرلىك ئاڭلىقلىق ۋە ھەمدەمدە بولۇشىڭىزغا ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتۇر.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەزكۇر كومىتېت ژۇرنالىستلار ۋە سەھىيە خىزمەتچى - خادىملىرىنى توشۇيدىغان بىر پاراخوتنى ئىسرائىلىيە قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

كومىتېت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، 1-ئۆكتەبىر كۈنى يولغا چىقىدىغان پاراخوتتا 100 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تاراتقۇ خادىملىرى ۋە دوختۇرلارنىڭ توشۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئىتالىيە ياردەم پاراخوت ئەترىتىنى قوغداش ئۈچۈن غەززەگە يەنە بىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتتى

 پاراخوتلارنى توسۇش پىلانى

 

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى KAN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە فىلوتنى توسۇش ۋە كونترول قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، فىلوتنىڭ تۆت كۈن ئىچىدە غەززە دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ يۆم كىپپۇر بايرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز كوماندىرلىرى ئەترىتى Shayetet 13 ئاخىرقى كۈنلەردە «پاراخوتلارنى دېڭىزدا قولغا چۈشۈرۈش» ئۈچۈن مانېۋىرلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ مانېۋىرلارنىڭ «پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى» مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە يېقىندا فىلوت تەشكىللىگۈچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئاشكېلون پورتى، گىرېتسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى جەنۇبىي قىبرىس، ھەتتا ۋاتىكان ئارقىلىق يۆتكەشنى تەكلىپ قىلغان، لېكىن تەشكىللىگۈچىلەر بۇنى رەت قىلغان. تېل ئاۋىۋ بۇ ھەرىكەتنى قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قارىغان.

ئەگەر مۆلچەرلىنىۋاتقىنىدەك ئىسرائىلىيە ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، بۇ، ئالدىنقى ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا Madleen ۋە Handala ياردەم پاراخوتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

فىلوت غەززەگە قارىتىلغان ئىسرائىلىيە قورشاۋىنى بۇزۇش، بولۇپمۇ داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا يولغا چىققان ئىدى.

2-مارتتىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنى پۈتۈنلەي تاقاپ، يېمەكلىك ۋە ياردەم ماشىنىلىرىنىڭ كىرىشىنى توسۇپ، رايوندىكى ئاچارچىلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئىلگىرىمۇ غەززەگە كېتىۋاتقان پاراخوتلارنى توسۇش، پاراخوتلارنى مۇسادىرە قىلىش ۋە پائالىيەتچىلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلغان ئىدى. تەنقىدچىلەر بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى دېڭىز قاراقچىلىقى دەپ ئاتىماقتا.

 ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 66 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمان قىلىش ھەرىكەتلىرى رايوننى ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى