تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ۋە پەلەستىن مىنىستىرلىرى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن غەززەلىك بېمار بالىلارنى زىيارەت قىلدى
تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش، پەلەستىنگە قارىتىلغان ياردەم تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ۋە ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ۋە پەلەستىن مىنىستىرلىرى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن غەززەلىك بېمار بالىلارنى زىيارەت قىلدى
تۈركىيە ۋە پەلەستىن مىنىستىرلىرى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن غەززەلىك بېمار بالىلارنى زىيارەت قىلدى / AA

تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش، ئەنقەرەنىڭ پەلەستىن ۋە غەززەدىكى بالىلارغا قارىتىلغان قوللىشىنى ۋە ھەمدەملىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

گۆكتاش ۋە پەلەستىن ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ساماھ ھاماد، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن غەززەدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن كىچىك بالىلار بىلەن شەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولدى. مىنىستىرلار پايتەخت ئەنقەرەدىكى بىلكەنت ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ياشلار كۇلۇبىدا بالىلار بىلەن بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ئوقيا ئېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى ھەمدە بالىلارنىڭ ئات مىنىشىنى كۆزدىن كەچۈردى.

گۆكتاش پائالىيەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ ۋە ھەر دائىم پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە غەززە بالىلىرىنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

گۆكتاش، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان غەززە ئاياللىرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازانلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ«دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ھېچقانداق ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىنى نەزەرگە ئالمايۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەپسۇسكى، مەكتەپلەرنىمۇ، دوختۇرخانىلارنىمۇ بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئييتتى.

 

غەززەدىكى يېمەكلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كرىزىسى

 

ساماھ ھاماد بىلەن بىرلىكتە، مائارىپ، سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە پسىخولوگىيەلىك-ئىجتىمائىي ياردەم ساھەسىدە داۋاملىشىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلىگەن گۆكتاش، پەلەستىنلىك قېرىنداشلار ۋە غەززەلىك بالىلار بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ھاماد، غەززەلىك بالىلار بىلەن بىرگە بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان كېسەل بالىلار ۋە تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرگە يۇقىرى باھا بەدى.

مىنىستىر ھاماد، گۆكتاشقا ئېھتىياجلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ھاماد: «غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار ۋە ئاچارچىلىق ھەر بىر پەلەستىنلىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىمىز. تەخمىنەن 80 كۈندىن بۇيان غەززەگە يېمەكلىك ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىرمىدى. ئائىلىلەر ئۈچۈن سۇ، سەھىيە مۇلازىمىتى ياكى مائارىپ ئىمكانىيىتى يوق، نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۈگۈن بىز ئۇچراتقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى كەم دېگەندە بىر يېقىنىدىن ئايرىلىپ قالدى»دېدى.

تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ھاماد، بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنى «بىر داۋا ئەتراپىدا بىرلەشكەن ئىككى مىللەت» سۈپىتىدەبىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گۆكتاش يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 2026 - 2035-يىللىرىنى «ئائىلە ۋە نوپۇس ئون يىللىقى» دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن، تۈركىيەنىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ئائىلە مەركەز قىلىنغان سىياسەتلەرگە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى