سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكاغا «قارىغۇلارچە قۇل بولۇش» نى رەت قىلدى
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز ئىسپانىيەنىڭ «ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇپ»، دۇنيا ئۈچۈن «زىيانلىق» بولغان ھەرىكەتلەرگە «شېرىك بولمايدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ، ئىراق ئۇرۇشىدىن ھاسىل قىلىنغان تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئەسلەتتى.
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكاغا «قارىغۇلارچە قۇل بولۇش» نى رەت قىلدى
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكاغا «قارىغۇلارچە قۇل بولۇش» نى رەت قىلدى / AFP

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز چارشەنبە كۈنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي جىددىيچىلىككە قارىتا «قارىغۇلارچە ۋە بويسۇنغان» ھالدا ماسلىشىشنى قاتتىق رەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

سانچېز ئامېرىكانىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئىسپانىيەنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا «ئۇرۇشقا قارشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2003-يىلىدىكى ئىراقنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى بىلەن بىۋاسىتە سېلىشتۇرما قىلغان سانچېز، «ئازور ئاراللىرى خىياللىرى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئۇ 2003-يىلىدىكى ئازور باشلىقلار يىغىنىنى تىلغا ئېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج بوش، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تونىي بىلايىر ۋە ئىسپانىيە باش ۋەزىرى جوسې مارىيا ئازنارنىڭ دىپلوماتىيەدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇن ساددام ھۈسەيىنگە ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. سانچېز بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ ياۋروپاغا تېخىمۇ «خەۋپلىك بىر دۇنيا» ۋە «تېخىمۇ ناچار تۇرمۇش» ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئىسپانىيەنىڭ «ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇش» سەۋەبىدىن، دۇنيا ئۈچۈن پەقەت «ناچار» بولغان ھەرىكەتلەرگە «شېرىك» بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سانچېز يەنە ئىسپانىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش مېخانىزملىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن «كېچە-كۈندۈز» خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، تۈزۈم ۋە ئەخلاقىي كۈچىگە چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز، مۇشۇنداق پەيتلەردە ئىسپانىيەلىك بولغانلىقىمىزدىن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك پەخىرلىنىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىدە تۇرماقتا؛ مادرىد ھەم ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى، ھەم ۋاشىنگتوننىڭ ئىسپانىيەدىكى ھەربىي بازىلارنى ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشنى رەت قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جوسې مانۇئېل ئەلبارېس بازىلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدىكى جىددىيچىلىكتىن كېيىن، ئىسپانىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى قەتئىي رەت قىلدى.

ئەلبارېس كادېنا سېر (Cadena SER) رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا، ئاقساراي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋالارنى رەت قىلىپ: «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ۋە ئىرانغا قىلىنغان بومباردىمانلار، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بازىلىرىمىزنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى قەتئىي ئۆزگەرتەلىگىنى يوق» دېدى.

بۇ رەت قىلىش، ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېيۋىتنىڭ ئىسپانىيەنىڭ ھەمكارلىقنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. لېيۋىت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياۋروپالىق ئىتتىپاقدىشىغا «بارلىق سودىنى توختىتىش» تەھدىتى سالغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ترامپنىڭ ئۇلتىماتۇمى مادرىدنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسپانىيە زېمىنىدىكى بازىلىرىنى ئىرانغا ھۇجۇم باشلاش ئۈچۈن ئىشلىتىشىنى مەنئىي قىلىشىدىن كېيىن كەلگەن ئىدى.

لېيۋىت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئىسپانىيەگە كەلسەك، مېنىڭچە ئۇلار تۈنۈگۈن پىرېزىدېنتنىڭ سىگنالىنى ئوچۇق ۋە ئېنىق چۈشەندى. مېنىڭچە... ئۇلار ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قوشۇلدى. شۇڭا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىسپانىيەدىكى كەسپداشلىرى بىلەن ماسلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى