«ترامپ گۇرۇپپىسى موسكۋا بىلەن مەخپىي تىنچلىق پىلانى تۈزدى»
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
«ترامپ گۇرۇپپىسى موسكۋا بىلەن مەخپىي تىنچلىق پىلانى تۈزدى»ترامپ گۇرۇپپىسىنىڭ موسكۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، مەخپىي ھالەتتە يېڭى بىر ئۇكرائىنا تىنچلىق پىلانى تۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
«ترامپ گۇرۇپپىسى موسكۋا بىلەن مەخپىي تىنچلىق پىلانى تۈزدى» / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنى

Axios  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 28 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش، بىخەتەرلىكنى  كاپالەت ئاستىغا ئېلىش، ياۋروپانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئامېرىكانىڭ كىيېۋ ھەم موسكۋا بىلەن بولغان كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

Axios  نىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، موسكۋا بىلەن «مەخپىي» ھالدا يېڭى بىر پىلان لايىھەسى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئەمەلدارلىرى 28 ماددىلىق بۇ پىلاننىڭ، ئۆتكەن ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇشىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان ترامپنىڭ 20 ماددىلىق غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر لايىھە تۆت ئاساسلىق تېما ئەتراپىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار: ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش، بىخەتەرلىك كاپالىتى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ ھەم كىيېۋ ھەم موسكۋا بىلەن بولغان كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىدىن ئىبارەت ئىكەن.

پىلاننىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى زېمىن كونتروللۇقىغا ئوخشاش نېگىزلىك ئىختىلاپلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار بولسا تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ بۇ خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە رۇسىيە ۋەكىلى كىرىل دىمىترىيېۋ بىلەن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى. دىمىترىيېۋنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا مىيامىدا ئۇدا ئۈچ كۈن ترامپ گۇرۇپپىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاقساراي ئەمەلدارى ترامپنىڭ «ئەگەر ماسلىشىشچان پوزىتسىيە بىلدۈرۈلسە، بۇ مەنىسىز ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى» نى ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ  پىلان ھەققىدە ياۋروپادىكى شېرىكلىرىگە مەلۇمات بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئۇكرائىنادا

Politico  نىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى، رۇسىيە بىلەن توختاپ قالغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتا جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە، كىيېۋغا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان بىر قېتىملىق زىيارەتنى ئېلىپ بارغان. زىيارەت ئالدىن ئېلان قىلىنمىغان.

 Politico  نىڭ پىلاندىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى دان دىرىسكول بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال رەندى جورج ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

Wall Street Journal  ئايرىم بىر خەۋىرىدە، دىرىسكولنىڭ كېيىنچە رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنا تەرەپتىن مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

Wall Street Journal ئاقساراينىڭ دىرىسكول ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارغا مۇراجىئەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ، موسكۋانىڭ ھەربىي ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىد ۋە ئىلگىرىكى كۆپىنچىسى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان تىرىشچانلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئۈمىدسىزلىك ئىكەنلىكىنى يازدى.

Politico  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ كىيېۋدىكى سۆھبەتلىرىدە، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئېھتىياجلىرى ۋە موسكۋا بىلەن توختاپ قالغان تىنچلىق مۇساپىسىنى قايتا جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر ئىستراتېگىيە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى