جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدىجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، رايونلۇق خەۋپسىزلىك، ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ۋە غەززە تىنچلىق مۇساپىسى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، سۆھبەتتە تۈركىيەئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۆھبەت جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى ھەل قىلىشتا دىپلوماتىيە يوللىرىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلىكتە ئىمزالانغان قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ رايونلۇق مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى كۈچلۈك بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

غەززە مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، غەززە تىنچلىق مۇساپىسىدە ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتۈش نىشان قىلىنغان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار