ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە قىلچە «ئۈنۈم بولمىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ «ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، G7 (تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن فىرانسىيە پايتەختى پارىژغا يولغا چىقىش ئالدىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلدى.
ئىران بىلەن دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ «كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بەرمىگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن رۇبىيو: «نۆۋەتتە بىزنى مەلۇم بىر بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز دەپمۇ ئېيتالمايمەن،» دېدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ مەسىلىنىمۇ، باشقا بارلىق مەسىلىلەرنىمۇ باشتىن-ئاخىر دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما، ئەپسۇسكى، بەزىدە بۇنىڭغا ئامال بولمايدىكەن،» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك سۆھبەتلەرگە ئىزچىل ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن رۇبىيو، ئىران ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى «ھەددىدىن ئاشقان ھەم كۈلكىلىك» دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكانىڭ يېڭى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختالغاندا، رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ تەدبىرلىرىنىڭ تامامەن «مۇداپىئە خاراكتېرلىك» بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ پۈتۈنلەي «ئامېرىكا قىسىملىرى ۋە دېڭىز قاتنىشىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قاراپ بەلگىلىنىدىغانلىقى» نى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى ياكى دېڭىز تىرانسپورتىغا قارىتا بىۋاسىتە ۋە ئېغىر تەھدىت كۆرۈلگەن ھامان، ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
رۇبىيو پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتىكى مەيدانىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىش ئۇرۇنۇشلىرىدىكى «رىئال تەھدىتنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى» نى، شۇڭا «ئامما قارشى ئالمىسىمۇ» بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەتئىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەردە ھەر قېتىملىق قارارنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن زۆرۈر تاللاش بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.















