غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى يولغا قويۇشقا قارىتىلغان خىزمەتلەر دائىرىسىدە، پەلەستىنلىك گۇرۇھلار بىلەن كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاھىرەدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەيداندىكى توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش غايىسى بىلەن، «يول خەرىتىسى» خاراكتېرىدىكى بىر لايىھە نۇسخىسى ئۈستىدە باھالاشلارنى ئېلىپ بارغان.

قاھىرەدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۇنجى باسقۇچىغا ئائىت مەسئۇلىيەتلەرنى تولۇق تاماملاش، ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە دائىملىق تىنچلىقنى تەمىنلەشكە قارىتىلغان جىددىي قەدەملەر مۇنازىرە قىلىندى.

يىغىندا يەنە غەززەنى باشقۇرۇش، قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسى، خەلقئارالىق قوشۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ سىجىللىقىغا ئوخشاش مۇھىم تېمىلار كۈنتەرتىپكە كەلدى.

تەرەپلەرنىڭ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇساپىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشىدە «ئىجابىي بىر كەيپىيات» ئىچىدە باھالاشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى ئىپادىلەندى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، تۇنجى باسقۇچتا ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئىنسانىي ياردەم كىرىشىنى كۆپەيتىش ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بەزى رايونلاردىن قىسمەن چېكىنىشىگە ئوخشاش قەدەملەر يولغا قويۇلغان ئىدى. ئەمما پەلەستىنلىك مەنبەلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى ۋە ۋەھشىي ھۇجۇملىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

كىلىشىمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بولسا غەززەنى باشقۇرۇش، قايتىدىن قۇرۇش، خەلقئارالىق كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تولۇق چېكىنىشى ۋە بەزى سىياسىي-بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۆزدە تۇتۇلماقتا.

پەلەستىنلىك گۇرۇھلار بىلەن كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى يولغا قويۇشقا قاراتقان كۆرۈشۈشلەر ئۈچۈن تۈنۈگۈن قاھىرەدە جىددىي ئالاقىلەرنى باشلىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى