لىۋانلىق بىر بىخەتەرلىك مەسئۇلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىملىرى رايوندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە تۈزۈلگەن بىر پىلانغا ئاساسەن لىۋان ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي لىۋاندىكى زېۋتار ئەل-غاربىيە بازىرىغا ئورۇنلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ بايانات لىۋان جپىرېزىدېنتى جوزېف ئائۇننىڭ ۋاشىنگتونغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا زىيارەت جەريانىدا ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ۋاسىتىچىلىك قىلغان ئىدى.
لىۋان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ھەربىي قىسىملار بۈگۈن ئەتىگەندە نەباتىيە رايونىدىكى زېۋتار ئەل-غاربىيەگە ئورۇنلىشىشقا باشلىدى» دېيىلدى.
لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ھازىرمۇ ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئورۇنلاشمىغان فرۇن ۋە سەرىفا يېزىلىرىدىمۇ ھەربىي مەۋجۇتلۇقى بار.
تىنچلىق پىلانى لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ئىران قوللاۋاتقان ھىزبۇللاھتىن لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا قوراللارنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ۋە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ باسقۇچلۇق تۈردە ئارقىغا چېكىنىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى «سىناق رايونى» پىروگراممىسى دەپ ئاتالغان پىلاننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
سەيشەنبە كۈنى بولسا بۇ مەسىلىگە ئائىت ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
سەيشەنبە كۈنى كۆرۈلگەن بۇ ئىلگىرىلەش، لىۋاننىڭ ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان تەخمىنەن 10 كىلومېتىرلىق ئىچكى قىسىمدىكى بىر زېمىن پارچىسى ئۈستىدە كونتروللۇقىنى قايتىدىن تىكلەش كۆزدە تۇتۇلغان پىلاننىڭ تۇنجى باسقۇچىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رايوندىكى ئونلىغان يېزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان شۇنداقلا دوختۇرخانىلار، ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ۋە سۇ تۇرۇببىلىرىنى ھەمدە ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى سىستېمىلىق شەكىلدە ۋەيران قىلغان ئىدى.
رايوندا ياشايدىغان ئون مىڭلىغان لىۋانلىق ئۆيلىرىگە قايتالمىدى.
لىۋانلىق ئاھالىلەر ئۆيلىرىگە بىخەتەر شەكىلدە قايتىشنى كۈتمەكتە
لىۋان 2-مارتتا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلىشى ۋە ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى خامانېنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا ئارىلاشقان ئىدى. بۇ ۋەقە ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە ئىستىھكاملىرىغا راكېتا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچتى.
ئىسرائىلىيە شۇنىڭدىن بىرى لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى ۋە دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئىشغالىيەت دائىرىسىنى كەڭەيتتى.
لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە 4240 تىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى، 12190 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى.
لىۋان تاراتقۇلىرى، بىر قىسمىغا لىۋان بايرىقى قادالغان ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ يېزىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى.
لىۋان ئارمىيەسى، بىخەتەرلىك ئەھۋالى مۇقىملاشقىچە ئاھالىلەرنىڭ رايونغا كىرمەسلىكى ۋە ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەربىي قىسىملارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ھىزبۇللاھ ئىلگىرى مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغان ۋە قورالسىزلىنىشنى رەت قىلغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىن پۈتۈنلەي چېكىنىشى ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاقىت جەدۋىلى يوق.



















