پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان پاشىنياننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان تىنچلىقىنى قوللىدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئاز كۆرۈلىدىغان ۋە سىمۋول خاراكتېرلىك تۈركىيە زىيارىتى ئەسناسىدا ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.
ئەردوغان پاشىنياننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان تىنچلىقىنى قوللىدى
ەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىكول پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى / Reuters
2025-يىلى6-ئاينىڭ21-كۈنى

ئەردوغان ئېرېۋان-باكۇ تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىدى ۋە ئېرېۋان بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنىيان بىلەن ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، رايونلۇق تىنچلىق يولىدا تاشلانغان تارىخىي بىر قەدەم دەپ قارالغان كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئىككى رەھبەر جۈمە كۈنى دولماباھچە سارىيىدا كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان بىلەن پاشىنىياننىڭ ئۇچرىشىشى بىر سائەتتىن ئۇزۇن داۋاملاشقان.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى پاشىنىياننىڭ ناھايىتى ئدز كۆرۈلىدىغان تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ ھەم تۈركىيە ھەم ئەرمېنىيە بىلەن قۇرۇقلۇقتىن چىگراداش  بولغان ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان زوراۋانلىق دولقۇنىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھازىرقى شارائىت ئاستىدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ رايوننى <تەڭ پايدا ئېلىش> پىرىنسىپى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

 كۆرۈشۈشتە يەنە، تۈركىيە - ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى دائىرىسىدە تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەردوغان پاشىنىيانغا، تۈركىيەنىڭ پەقەت كاۋكاز رايونىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايوندىمۇ مۇقىملىقنى ساقلاش يولىدا «بارلىق دىپلوماتىيە يوللىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى»، بولۇپمۇ ئىران-ئىسرائىلىيە جىددىيچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا رەھبەرلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

 پاشىنىيان ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

 

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا: «ئەرمېنىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە دىيالوگنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى» توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

پاشىنىيان تۈركىيە رەھبىرىگە ئەرمېنىيەنىڭ «رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى» نى بايان قىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئەرمېنىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئالېن سىمونيان: «بۇ زىيارەت تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا بۇنداق بىر مۇھىم زىيارەت تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلماقتا» دېگەن ئىدى. 

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ئەردوغان ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئەلىيېۋ بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

پاشىنىيان ھەم باكۇ ھەم ئەنقەرە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويماقتا.

Carnegie Europe  تەتقىقات ئورگىنىنىڭ پېشقەدەم مۇتەخەسسىسى توماس دې ۋال فىرانسىيەنىڭ AFP ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ باسقۇچنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  

«پاشىنىيان ئەرمېنىيەنى يېتىم قېلىش گىردابىدىن قۇيۇلدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا. دەرۋەقە، بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىدۇر.»

پاشىنىيان ئىلگىرى پەقەت بىرلا قېتىم، يەنى ئەردوغاننىڭ 2023-يىلدىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.

ئەنقەرە بىلەن ئېرىۋان 2021-يىلنىڭ ئاخىرلىرى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىللەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنىدى. بۇ باسقۇچ، ئەرمېنىيەنىڭ قاراباغ ئۇرۇشىدا ئەزەربەيجانغا يېڭىلگەندىن كېيىن باشلانغانىدى.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بىر يىل كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇدا ئىككى يىلدىن بېرى توختاپ قالغان سودا ئايروپىلانلىرىنىڭ قايتىدىن ئۇچۇشقا باشلىشىغا قارار قىلىنغانىدى.

 

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 330 مىليون دوللارلىق 11 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بىز بەلگىلەيمىز
ئىران تەرەپتىن تۈركىيەگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇپ قېلىندى
ئىران: «ئامېرىكا سىرىلانكا قىرغاقلىرىدا زەربە بەرگەن كېمىدە 104 ئەسكەر ئۆلدى»
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى