ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 16 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان بىخەتەرلىك خادىملىرىغا قارىتىلغان ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇم يۈز بەردى ۋە ھۇجۇمدا 14 نەپىرى پۇقرا بولۇپ، كەم دېگەندە 24 كىشى يارىلاندى.ان.
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 16 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 16 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىنىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 16 پاكىستان ئەسكىرى قازا قىلغان، پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇم مىر ئەلىدىكى قادى بازىرىدا بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، يەرلىك تاراتقۇ ئورگىنى «خەيبەر خرىونىكېلس» بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ شەنبە كۈنى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى ھۇجۇمنىڭ 22-چېگرا ئارمىيەسى پولكىغا تەۋە بومبا  تازىلاش ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىدا بىر ئادەم بومبىنىڭ ئۆزىنى پارتىلىتىشى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى بىر يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى: «بىر ئادەم بومبا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە سوقتى» دېدى. ئەمەلدار تاراتقۇلارغا سۆزلەش ھوقۇقى بولمىغاچقا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

مەزكۇر ئەمەلدار قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئىلگىرىكى 13 تىن 16 گە كۆپەيگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

AFP  ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى: «پارتلاش ئىككى ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى ئۆرۈۋېتىپ، ئالتە كىچىك بالىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى «پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى  ناملىق تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر گۇرۇھى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ھۇجۇمدا 14 نەپىرى پۇقرا بولۇپ، كەم دېگەندە 24 كىشى يارىلاندى.

بۇ ھۇجۇم يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قىلىنغان ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇملارنىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەندى.

پاكىستان ئارمىيەسى تېخىچە بۇ ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلمىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە ۋەزىرىستان، خەيبەر ۋە كۇررام رايونلىرىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پاكىستان ئارمىيەسى بۇ ئۆلكىدە ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا ئافغانىستانغا ئورۇنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى  ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كابۇل ھۆكۈمىتى بولسا بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump's general hails 'phenomenal' Pakistan, says US-India relations can't cost ties with Islamabad

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى