2025-يىلى5-ئاينىڭ15-كۈنى
تەھلىلچىلەر، ئىستانبۇل يىغىنىدا ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرى، زېمىن دەۋالىرىدىن، ھەربىي جەھەتتە بىتەرەپلىك ۋە ئېمبارگولارغىچە كەڭ دائىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. پەيشەنبە كۈنى (2025-يىلى 15-ماي) ياۋروپادا بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك يول بىلەن چارە تېپىش ئۈمىدىنىڭ تۈرتكىسىدە، بارلىق دىققەتلەر ئىستانبۇلدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرگە مەركەزلەشتى.
سۆھبەتلەرگە كىم قاتنىشىدۇ؟
يىغىنغا كىملەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ يۈز كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتىدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى باياناتلار چوڭ قىزىقىش قوزغىدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆز قارىشى
تەھلىلچىلەر، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىدىن تارتىپ تالاش-تارتىش ئىچىدىكى رايونلارغىچە، ھەربىي جەھەتتە بىتەرەپلىكتىن ئېمبارگولارغىچە كەڭ دائىرىدىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.
خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇھىنىڭ رۇسىيەلىك پېشقەدەم ئوبزورچىسى ئولېگ ئىگناتوۋ بۇ سۆھبەتلەرنى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ كەم كۆرۈلىدىغان پۇرسىتى دەپ قارايدۇ.
ئۇ: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم سۆھبەت بولىدۇ، ھەممەيلەن بۇ مۇزاكىرىلەرنى قوللىشى كېرەك. بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ھەقىقىي پۇرسىتى ۋە تاللاش يولى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump says he might attend Russia-Ukraine talks in Türkiye on Friday
رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى: خەۋپسىزلىك كاپالىتى، ھەربىي جەھەتتە بىتەرەپلىك ۋە ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى
بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئالدىنقىلىرى 2022-يىلى مارتتا ئىستانبۇلدا باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئىشتانبۇل سۆھبىتى ئۇزۇن ۋاقىت توختاپ قالغان تىنچلىق جەريانىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشى مۇمكىن. بىراق، كۆزەتكۈچىلەر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يىللاردىكى ئەڭ ئۈمىدۋار دىپلوماتىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يېڭىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئىگناتوۋنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە 2022-يىلى ئىستانبۇلدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن كەڭ كۆلەملىك ھەل قىلىش يولىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
موسكۋا ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ رەسمىي بىتەرەپلىكنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە ناتونىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كېڭىيىشىنى توسىدىغان خەۋپسىزلىك كاپالىتىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئىگناتوۋ: «رۇسىيە 2022-يىلى ئىستانبۇل كېلىشىملىرىگە ئاساسەن مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئۇكرائىنا بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلمىدى ۋە 2022-يىلى ئاپرېلدا مۇزاكىرەلەردىن چېكىندى» دېدى.
رۇس تەرەپ ئاساسلىقى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگناتوۋ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ يېقىنقى سۆھبىتىگە قارىسىڭىز، ئۇ ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ زېمىن مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بىراق، رۇسلار خەۋپسىزلىكنىڭ ئاساسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. زېمىن مەسىلىسى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە تالاش-تارتىشلىق مەسىلە» دېدى.
موسكۋانىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىنىڭ بىرى، ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش نىشانىدىن رەسمىي ۋاز كېچىشى
ئىگناتوۋ: «رۇسىيە يازما كاپالەت تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ئىستانبۇل كېلىشىمىگە قارىسىڭىز، بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنى بويىچە ناتوغا ئەزا بولۇشنى نىشان قىلالايدۇ، بىراق رۇسىيە بۇنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.
موسكۋا ناتودىن تېخىمۇ كەڭ كاپالەت ۋە رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئايرىم كېلىشىم تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ئۇكرائىنا ھەربىي كۈچلىرىنىڭ كۆلىمى، ئۇكرائىنانىڭ قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكى ياكى سېتىۋېلىشى مۇمكىن بولغان قورال تۈرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ چەكلىمە قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
تەۋسىيە














