ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ پورتىدىكى پارتلاشتا 46 كىشى ئۆلگەندىن 2 كۈن كېيىن، ئوت ئاپەتلىرى كۈچەيدى
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ يالقۇنلارنى ئۆچۈرگەن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى ۋە زىياننىڭ، ئوت ئاپىتى پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن باھالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ پورتىدىكى پارتلاشتا 46 كىشى ئۆلگەندىن 2 كۈن كېيىن، ئوت ئاپەتلىرى كۈچەيدى
Containers burning on Sunday, after a massive explosion and fire rocked a port near the southern port city of Bandar Abbas, Iran, on Saturday. / AP

دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئىراندا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ تىجارەت پورتىدا 46 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان چوڭ بىر پارتلاشتىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن كۈچلۈك ئوت ئاپەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پارتلاش، شەنبە كۈنى ئىراننىڭ جەنۇبىدا، دۇنيا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بەشتىن بىرىنىڭ ئۆتۈش نۇقتىسى بولغان ستراتېگىيەلىك ھۆرمۈز بوغۇزى يېقىنىدىكى شەھىد رەجائىي پورتىدا يۈز بەردى.

ئىرنا رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ھۆرمۈزگان ۋىلايىتى جىددىي ۋەزىيەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇدىرى مېھرداد ھەسەنزادەنىڭ سۆزىگە ئاساسەن، «شەھىد رەجائىي پورتىدا ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 46 غا يەتتى» دېدى.

مەسئۇللار، 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەسەنزادە، كۆپىنچىسىنىڭ داۋالاشتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقانلىقىنى ئېيتتى. پەقەت «138 يارىدار ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا» دېدى.

ئىران قىزىل ئاي جەمئىيىتىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، ئوت ئاپىتىنىڭ بىر قىسمىدا تۆۋەن يالقۇنلارنىڭ ئۈستىدە قويۇق كۆمۈر قارىسى تۈتەكلەرنىڭ كۆتۈرىلىۋاتقانلىقى ۋە بىر ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارىنىڭ رايون ئۈستىدە ئۇچقانلىقى كۆرۈلدى.

پارتلاشنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى تېخىچە ئېنىقلانمىدى، بىراق پورتنىڭ تاموژنا ئىدارىسى، بۇنىڭ خەتەرلىك ۋە خىمىيەلىك ماددىلار ساقلانغان رايوندا چىققان بىر ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانىي ۋەقەدە «ھەرقانداق سەۋەنلىك ياكى قەستەنلىك» بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلاشنى بۇيرۇدى.

كىشىلەر ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قاچتى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلەنگەن بىخەتەرلىك كامېرا كۆرۈنۈشلىرىدە، ۋەقەنىڭ كىچىك بىر ئوت ۋە قىزغۇچ-قوڭۇر تۈتۈن بىلەن ئاستا باشلانغانلىقى، ئاندىن بىر ئوت شارىنىڭ پارتلىغانلىقى كۆرۈندى. كۆرۈنۈشلەردە، كىچىك ئوتنىڭ بىر ئامبارنىڭ ئۇدۇلىدا سىرتقا تېزىلغان بىر قانچە كونتېينېر ئارىسىدا باشلانغانلىقى كۆرۈنىدۇ.

مەلۇم قىلىنىشىچە، كىچىك بىر تۈتەك رايوننىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە يېقىن ئەتراپتا كىشىلەر مېڭىۋاتقان بولۇپ، كىچىك ئوت ۋە تۈتەكنىڭ كۆرۈنۈشىدىن تەخمىنەن بىر مىنۇت سەككىز سېكۇنتتىن كېيىن، قاتناش ۋاسىتىلىرى يېقىندىن ئۆتۈۋاتقاندا بىر ئوت شارى پارتلىغان.

پىرېزىدېنت مەسئۇد پەزەشكىيان، يەكشەنبە كۈنى يېقىندىكى بەندەر ئابباس شەھىرىدە يارىدارلارنى داۋالاۋاتقان دوختۇرخانىلارنى زىيارەت قىلدى. پارتلاشتىن بۇيان مەسئۇللار، رايوندىكى بارلىق مەكتەپلەر ۋە ئىدارىلەرنىڭ تاقىلىشىنى بۇيرۇدى ۋە ئاھالىلەرگە «كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە» سىرتقا چىقماسلىقنى ۋە قوغدىنىش ماسكىسى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رىزا تالائىي نىك، دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، «رايوندا ھەربىي يېقىلغۇ ياكى ھەربىيلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىمپورت ۋە يا ئېكسپورت قىلىنغان ھەرقانداق بويۇم يوق ئىدى» دېدى. رۇسىيە، ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتتى.

ئىران مەسئۇللىرى دۈشەنبە كۈنىنى دۆلەت ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى. پورتقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ھۆرمۈزگان ۋىلايىتىدە بولسا، يەكشەنبە كۈنى ئۈچ كۈنلۈك ماتەم باشلاندى. پارتلاش، ئىران ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تېھراننىڭ يادرو پروگراممىسى ئۈستىدە ئوماندا يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە