خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
تېكساس ئىشتاتىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 گە يەتتى، نۇرغۇن كىشى يوقاپ كەتتى
يوقاپ كەتكەنلەر ئىچىدە كامپ مىستىك (Kamp Mystic) يازلىق لاگېرىدىكى 27 نەپەر ياش قىزمۇ بار.
تېكساس ئىشتاتىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 گە يەتتى، نۇرغۇن كىشى يوقاپ كەتتى
تېكساس ئىشتاتىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 گە يەتتى، نۇرغۇن كىشى يوقاپ كەتتى / AP

تېكساسنىڭ مەركىزىي قىسمىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 گە يەتتى.

ئىز-دېرىكى ئېنىق بولمىغانلار ئىچىدە كامپ مىستىك يازلىق لاگېرىدىكى 27 نەپەر ياش قىزمۇ بار. كېرۋىل شەھەر باشلىقى دالتون رايس رايوندا يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

رايس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز بۇ ئەھۋالنى ئىككى خىل شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز: بىرىنچىسى، بىزگە مەلۇم بولغان يوقاپ كەتكەنلەر، يەنى 27 كىشى... يەنە بىر تەرەپتە، بىز سان بەرمەيمىز، چۈنكى بىزنىڭ ئېنىق ئۇچۇرىمىز يوق» دېدى.

تېكساس ۋالىيسى گرېگ ئاببوت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پۈتۈن ئىشتات مىقياسىدا ئاپەت ئېلانىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن قوشۇمچە فېدېراتسىيە مەنبەسى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تېكساس جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىم كىد، ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە سۇ قىسىملىرىنىڭ گۇئادالۇپې دەرياسى بويىدا ھايات قالغانلارنى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كىد: «يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلغۇچە ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

كەلكۈن جۈمە كۈنى بىر نەچچە ئايلىق يامغۇرنىڭ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە يېغىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، گۇئادالۇپې دەرياسىنىڭ 45 مىنۇت ئىچىدە 8 مېتىر ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تېخىمۇ كۆپ يامغۇر يېغىشى مۇمكىنلىكى ۋە «ھەددىدىن زىيادە سۇ ئېقىمىنىڭ دەريا، ئېرىق ۋە باشقا تۆۋەن جايلاردا كەلكۈن پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

شەنبە كۈنى كېرۋىل شەھىرىدە، ئادەتتە تەمكىن ئاقىدىغان گۇئادالۇپې دەرياسى شىددەت بىلەن ئېقىۋاتاتتى، ئۇنىڭ لاي-لاتقىلىق سۇلىرى خارابىلىكلەر بىلەن تولغان ئىدى.

61 ياشلىق تېكساس ئاھالىسى ۋە شاھىت گېراردو مارتىنېز مۇنداق دېدى: «سۇ دەرەخلەرنىڭ ئۇچىغا قەدەر يەتتى. تەخمىنەن 10 مېتىر كېلەتتى. ماشىنىلار، ھەتتا پۈتۈن ئۆيلەر دەريا بىلەن بىللە ئېقىپ كېتىۋاتاتتى»

تۇپراقنىڭ كۆپ مىقداردىكى يامغۇرنى سۈمۈرەلمەسلىكى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز كەلكۈنلەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئەمەس. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كىلىمات كرىزىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى قاتارلىق ئەسەبىي ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە شىددەتلىك ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كامپ مىستىكتىكى ۋەيرانچىلىق

شەنبە كۈنى، شېرىف لېيتا كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كېر ناھىيەسىدىكى كامپ مىستىك خىرىستىيان يازلىق لاگېرىدىن 27 بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. لاگېرغا تەخمىنەن 750 قىز تىزىملاتقان ئىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يوقاپ كەتكەن قىزلاردىن تۆتىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچۇرنى ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گۇئادالۇپې دەرياسى بويىغا جايلاشقان بۇ لاگېردا، ئەدىيال، كارىۋات، ئويۇنچۇق ئېيىق ۋە باشقا بۇيۇملار بىنانىڭ ھەر تەرىپىگە چېچىلىپ كەتكەن قالايمىقان بىر مەنزىرە شەكىللەنگەن ئىدى.

لاگېر ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرى بەلكىم سۇنىڭ كۈچى بىلەن سۇنۇپ كەتكەن ئىدى.

كامپ مىستىك لاگېرىدىن تەخمىنەن بىر مىل يىراقلىقتىكى «Heart O' The Hills» يازلىق لاگېرى مۇدىرى، جەين راگسدالنىڭ شەنبە كۈنى قازا قىلغانلار ئىچىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

«قىيىن بىر كۈن»

كېرۋىل شەھەر ئەمەلدارى دالتون رايس قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ «ئىنتايىن قىيىن» شارائىتقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

رايس: «بىز بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 08:00 دە نەق مەيداندا ھەرىكەت باشلىدۇق» دېدى ۋە رايون ئاھالىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىزدەش خىزمىتىنى باشلىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

رايس داڭلىق لاگېر رايونىنى قانچىلىك كىشىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ساقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىتات ۋە يەرلىك دائىرىلەر، ئونلىغان يولنىڭ قاتناشقا ئەپسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دەريا بويىدىكى لاگېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونغا ساياھەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن ۋىدېئولاردا، كېچىچە ياغقان 30 سانتىمېتىرغا يېقىن يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇيۇقسىز كەلكۈندە ئۆيلەر ۋە دەرەخلەرنىڭ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ مىقدار كېر ناھىيەسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يامغۇر مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەر.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى رايونغا تارقالدى، كېرۋىل شەھەر باشلىقى جو ھېررىڭ جەمئىيەتنى بىرلىشىشكە چاقىردى.

ھېررىڭ ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا ئاۋازى تىترەپ كەتكەن ھالدا: «كىشىلەرنىڭ بۈگۈنى قىيىن...» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Texas flooding death toll rises to 27, including nine children

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى