تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا چىفتچى ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتېئو پىئانتېدوسى بىلەن كۆرۈشتى.
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا چىفتچى يالوۋادا

مىنىستىر چىفتچى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پىئانتېدوسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مىنىستىرلىق بىناسىدا كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش، يېڭى ئەۋلاد تەشكىللىك جىنايى ئىشلار گۇرۇھلىرىغا تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئورتاق كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

چىفتچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بىز چېگرا ھالقىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە ئۈنۈملۈك ماسلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا ئىشىنىمىز. شۇ مەقسەتتە، ئاق دېڭىزدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى بىرلەشمە ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلەغ توپلاش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئىتالىيەدىكى يېڭى ئەۋلاد جىنايى ئىشلار گۇرۇھلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن ئەزالىرىنى دۆلىتىمىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئىتالىيەلىك مەنسەپدىشىمىزمۇ ئۆز دۆلىتىدىكى يېڭى ئەۋلاد جىنايى ئىشلار شايكىلىرىغا قارشى قەتئىي پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ بۇ خىل جىنايەت تورلىرىغا قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، بىرلىكتە تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەكلىپ قىلدى.»

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى
فەنەرباھچە كوماندىسى «ئەنگلىيە گىگانتى» لىۋېرپولنى يەڭدى
پاكىستان «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
خىتاي «ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار» ئىكەنلىكى ئۇچۇرىنى بەردى
بىر ۋارىل برېنت نېفىتى 103.96 دوللاردىن سېتىلماقتا
سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاتىسى گېئوففرېي ھىنتون: ئەسلا تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
تېھراندىكى ئىنقىلاب مەيدانىغا ترامپنى قەستلەش نىشان قىلىنغان پىلاكات ئېسىلدى
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى