ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
TRT World «ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئامېرىكىلىقلار» تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى
بۇ رەقەملىك تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پورتو رىكودىن تارتىپ يەرلىك قوغدىلىدىغان رايونلار ۋە ۋاشىنگتونغىچە سوزۇلغان ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇقەددەس دېموكراتىك ئەنئەنىسى بولغان بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن چەتكە قېقىلغان توپلۇقلارنىڭ ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
TRT World «ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئامېرىكىلىقلار» تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ۋاشىنگتون – TRT World بۇ قېتىم 2025-يىللىق تېللى مۇكاپاتىدا «ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئامېرىكىلىقلار» ناملىق ئاممىۋى تاراتقۇ ۋىدېيو تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن «ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە پائالىيەتچىلىك» تۈرىدە كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋەقەلىكلەرنىڭ ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدەك كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەزمۇنى بىلەن پورتو رىكودىن تارتىپ يەرلىك قوغدىلىدىغان رايونلارغىچە، ھەتتا ۋاشىنگتونغىچە سوزۇلغان ھەمدە ئاۋازى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇقەددەس دېموكراتىك ئەنئەنىسى بولغان بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان مىليونلىغان ئامېرىكىلىقلارغا دىققەتلەرنى مەركەزلەشتۈرىدۇ.

TRT نىڭ ئامېرىكادىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئەنەس ئادلى مۇنداق دېدى:

 «ۋاشىنگتوندىكى رەقەملىك مۇلازىمەت ئەترىتىمىزنىڭ - ئىستانبۇلدىكى خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن - يەنە بىر قېتىم ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.»

ئادلى گۇرۇپپا ئەزالىرىنى «ھېرەپ – چارچاشنى بىلمەيدىغان تىرىشچانلىقى ۋە ئىجادىي تەسەۋۋۇرى» ئۈچۈن تەبرىكلەپ: «بۇ ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكنى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولغان ساداقىتىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر» دېدى.

2024-يىللىق ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمى مەزگىلىدە TRT World نىڭ YouTube، TikTok، Facebook، Instagram ۋە X قاتارلىق رەقەملىك سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۈچ قىسىملىق تور تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

TRT World نىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەسئۇلى ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى بابا ئۇمار مۇنداق دېدى:

«بۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۆزىگە خاس خەۋەرچىلىك ۋە نەق مەيدان سۆھبەتلىرى ئارقىلىق، ئامېرىكادا پىرېزىدېنت ياكى پارلامېنت ئەزالىرىغا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى مەنئىي قىلىنغان ھەرخىل گۇرۇپپىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەر شارى خاراكتېرلىك رەقەملىك فىلىم – تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈرمەنلىرى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىشنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتۇر.»

«ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئامېرىكىلىقلار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى  TRT World نىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىغانلارغا سۇپا - شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ھېكايىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشتەك تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر شارى خاراكتېرلىك ۋىدېيو ۋە تېلېۋىزىيە دۇنياسىنىڭ شەرىپى بولغان تېللى مۇكاپاتى 46-نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئېلان قىلغاندا، دۇنيا مىقياسىدا «13 مىڭدىن ئارتۇق ئەسەر» قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىلنىڭ تېمىسى «ھېكايىلەر شەكىللەنمەكتە» بولۇپ، بۇنىڭدا، بۈگۈنكى ئىجادكارلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېكايەلەرنى يورۇتۇپ بېرىش تېخنىكىلىرى «ۋىدېيونىڭ نېمە بولالايدىغانلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ھەققىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان شەكىللەر بىلەن» قانداق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

تېللى مۇكاپاتلىرىنىڭ باش دېرىكتورى ئاماندا نېدخام بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ يىلقى ئەسەرلەر مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى.

پۈتكۈل ساھەدە خىزمەت قىلالىشىمىز، تېللى مۇكاپاتىنىڭ سۇپا، ئېكران ياكى ئىشلەش ئۇسۇلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەقىقەتەن ئەلا سۈپەتلىك مۇنەۋۋەر سىن ئەسەرلىرىنى ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنىڭ مىسلىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

«ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئامېرىكىلىقلار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بارلىق قىسىملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى