سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كانادا 2025-يىلى ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 14 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق ھەربىي ئەشيا ئېكىسپورت قىلدى
ھۆكۈمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىدىن بۇيان يېڭى تەستىقلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرگە قارىماي، ئىشلىتىلگەن رۇخسەتلەر 2025-يىلى ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ئېكىسپورت قىلىشنى مۇمكىن قىلغان.
كانادا 2025-يىلى ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 14 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق ھەربىي ئەشيا ئېكىسپورت قىلدى
كانادا 2025-يىلى ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 14 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق ھەربىي ئەشيا ئېكىسپورت قىلدى / AP

جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ھۆكۈمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، كانادا تېل ئاۋىۋنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان يېڭى قورال ئېكىسپورت رۇخسەتنامىلىرىنى تەستىقلىماسلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قارىماي، 2025-يىلى ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 14 مىليون 700 مىڭ دوللار قىممىتىدە ھەربىي ئەشيا ۋە تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلغان.

مەزكۇر رەقەملەر، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھەمدە كانادانىڭ ھەربىي ئېكىسپورتى ۋە ئېكىسپورت رۇخسەت پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «2025-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ئەشيا ۋە تېخنىكىلار يىللىق دوكلاتى» دىن ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا، كانادانىڭ 2025-يىلى ئىسرائىلىيەگە 14 مىليون 671 مىڭ 705 دوللار قىممىتىدە ھەربىي ئەشيا ۋە تېخنىكا ئېكىسپورت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«2024-يىلى 8-يانۋاردىن بۇيان، كانادا ھۆكۈمىتى غەززەدىكى توقۇنۇشتا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ھەرقانداق يېڭى قورال ئېكىسپورت رۇخسىتىنى تەستىقلىمىدى ۋە بۇ پوزىتسىيەسى داۋاملاشماقتا.»

كانادانىڭ قورال ئېكىسپورتىغا قارىتا سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان نارازىلىقلار

دوكلاتتا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، غەززەدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان ھەربىي ئەشيالار ئۈچۈن رۇخسەت بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ۋە چەكلىك ساندىكى ئېكىسپورت رۇخسىتىنى توختىتىپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، 2024-يىلى باشلانغان بىر ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ 2023-يىلى 9-ئۆكتەبىردىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە بېرىلگەن ھەربىي ئېكىسپورت ۋە مۇرەسسەچىلىك رۇخسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. يەنە بىر دەۋادا بولسا كانادانىڭ، ئىسرائىلىيەگە قورال ئېكىسپورت قىلىشقا رۇخسەت بېرىش ئارقىلىق دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى